دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايوننىڭ «1 - ئاۋغۇست»لۇق ھال سوراش ئۆمىكى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىن ھال سورىدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-08-02 16:32:17

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېن جاۋلىن، چاڭ يىرۇ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 94 يىللىقى پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ئاپتونوم رايوننىڭ «1 - ئاۋغۇست»لۇق ھال سوراش ئۆمىكىنى باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىدە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىن ھال سورىدى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ۋە ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ، خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىن ھال سورىغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاقىرغان ھامان كېلەلەيدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭ قىلغان ھامان چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان سەر خىل قوشۇننى تىرىشىپ بەرپا قىلدى. ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ، ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىش ھەربىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جاينى ئۆز يۇرتىدەك كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆڭلىگە پۈكتى، ھەربىي - خەلق ئورتاق قۇرۇش، ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە بەرپا قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، بولۇپمۇ مۇقىملىقنى قوغداش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، نامراتلارنى يۆلەش ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتىدۇ، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتىدۇ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق بىر نىيەتتە بولۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كۈچنى بىرىكتۈرۈپ تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي - خەلقنىڭ يۇغۇرما چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھېسسىيات بىلەن، مەسئۇلىيەت بىلەن ھەل قىلىپ، قان بىلەن گۆشتەك يۇغۇرۇلغان، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولغان ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ھەربىي - خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ، راۋاجلاندۇرىدۇ.

ھال سوراش ئۆمىكى يەنە يارىدار - مېيىپ ھەربىيلەر، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ھەمدە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان غايەت زور تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلاردىن سالامەتلىكىنى ياخشى ئاسراپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزغىنلىقىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قاتلىمىنى تېخىمۇ قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز؛ مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ياخشى ئورۇنداپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا ياخشى «تۇراقلاشتۇرغۇچ» بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھال سوراش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قادىلبېك قامزا ئۆمەك باشلاپ ھال سورىدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش