دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > مۇھىم خەۋەرلەر

سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-08-02 13:02:25

شۆھرەت زاكىر تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تارباغاتاي ۋىلايىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كونكرېت تەلىپى بويىچە، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ خۇالىڭ سەننۇڭ ئوتلاق - چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى، دۆربىلجىن ناھىيەلىك سانائەت باغچە رايونى، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ جېلئاغاش بازىرى نارىن چاغانكۆل كەنتىگە بېرىپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى، خاس كەسىپلەر، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. شۆھرەت زاكىر يېڭى ئېنېرگىيە بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسى، خەلقئارا تاشيول پورتى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، تۈرلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، سىناق رايونىنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى. شۆھرەت زاكىر يەنە باقتۇ پورتى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشتۈرۈش قوماندانلىق ئىشتابى، باقتۇ چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى، چۆچەك شەھىرى چيەنچۈەنخۇ مەيدانى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزىگە كېلىپ، پورتنىڭ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، شەھەر قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، شۆھرەت زاكىر ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گوۋۇيۈەن شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى تەسىس قىلىشنى تەستىقلاپ، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىغا تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر زور كۈچ بىلەن قوللاپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، سىناق رايونىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم سۇپا، چېگرا بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئېشىش قۇتۇپى، چېگرا ۋە دۆلەت زېمىنىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم توسۇق قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. تارباغاتاي ۋىلايىتى سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت بەرگەن تۈرلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئادەم، مالىيە، ماددىي كۈچنى تارباغاتايغا توپلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى جەلپ قىلىپ، ئېچىش - ئېچىۋېتىش ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە قويۇپ بېرىشى كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارباغاتاي ۋىلايىتى ئۆز ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشتىكى ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەلەپ قىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش