دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭغا ياردەم بېرىش

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 11 ـ تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىقلىرى ئاقسۇغا يېتىپ كەلدى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-18 11:07:56

ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى. 5 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 11 ـ تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 397 كادىر، ئىختىساس ئىگىسى 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، شەرقىي دېڭىز بويىدىن تىيانشان تېغى ئېتىكىدىكى ئاقسۇغا يېتىپ كېلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىدى. ۋىلايەت ئاقسۇ قۇمتام ئايرودۇرۇمىدا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 11 ـ تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلار، داۋالاش خىزمىتى ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن شياۋجۈن مۇنداق دېدى: گۈزەل ئاقسۇغا كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، ئۆزۈمنىڭ كەسپىي تېخنىكا ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تېخنىكا ماھارىتى ئارقىلىق «ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش»نى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ داۋالاش ـ ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمەن.

بۇ يىل پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش باشلانغان يىل، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق يىل، شۇنداقلا 11 ـ تۈركۈمدىكى ئاقسۇغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلاشتا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش يىلى، پۈتۈن يىللىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشتە ۋەزىپە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت ئېغىر. شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلار بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۇرچىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشلامچىلىق بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى پولات قوشۇنغا ئايلىنىپ، «ساداقەت ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ ئەمەلىي ئىشلەش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە رىشتە باغلاش، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇش»تەك يېڭى دەۋردىكى جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش روھىنى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاتلىنىپ، كۆڭلىمىزنى توختىتىپ، يىلتىز تارتىپ، ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.

ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گو تاۋ، جېجياڭ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئېغىزلار بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو فاڭخاۋ، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، 11 ـ تۈركۈمدە جېجياڭ ئۆلكىلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوماندان لو مېييىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش