دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭغا ياردەم بېرىش

خاڭجوۋدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىر كۇڭ خۇاچياڭ:
ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇساپىسى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ئۆمۈرلۈك رىشتە باغلىدى
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:ئاقسۇ گېزىتىۋاقتى:2023-05-09 11:16:12

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى \ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى.(مۇخبىرىمىز پەن تىڭ)

«شۇ يىلى شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى ئاقسۇغا كەلگىنىمدە، قۇمتامدىكى ئالمىلىق باغلاردا ئالمىلار ھۈپپىدە چېچەكلىگەن بولۇپ، ئاپامغا ئەگىشىپ بۇ چېچەكزارلىققا كىردىم، ئالما دەرەخلىرى مېنىڭ تىنىم تاپماس قەدەملىرىمگە ھەمراھ بولدى...» 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، «ئالما قىزاردى» ناملىق ناخشىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، كۇڭ خۇاچياڭ ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېكايىسىنى باشلىدى.

2019 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، كۇڭ خۇاچياڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ 10 ـ تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇردى. «ھەربىر جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ ئائىلىنى قوغداپ چېگرانى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئائىلە دۆلەت ئارزۇسى بار بولسىمۇ، ئەمما ھەممە ئادەمگە بۇنداق پۇرسەت كېلىۋەرمەيدۇ». شۇ يىلى 12 ـ ئايدا، كۇڭ خۇاچياڭ تەشكىلنىڭ تاپشۇرۇقى ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش قەلبى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇساپىسىگە ئاتلاندى.

كۇڭ خۇاچياڭ خاڭجوۋ شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى مەبلەغنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋە يۇغۇرما تەرەققىيات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەۋقەنى ئالدىنقى تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلارنىڭ تەجرىبىسىگە قويۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئاڭلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىر پۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلەتتى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جەمئىي 24 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغنى جانلاندۇرۇپ، ھەربىر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇردى.

كۇڭ خۇاچياڭ مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە مەبلەغ، ئوقۇتقۇچى ۋە داۋالاش ئەترىتىنى ئېلىپ كەلدۇق، لېكىن بۇ ئاساسلىق ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى قىزىل كېمە روھى، جېجياڭ روھىنى ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەرنىڭ كۆكيار روھى، توغراق روھى بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، تېخىمۇ جۇلالىق ئۇچقۇن چىقىرىشتۇر. 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇن سۈپىتىدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە كىرگۈزۈلدى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشمۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم باش تېمىسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا مېنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم خىزمىتىمنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

كۇڭ خۇاچياڭ خاڭجوۋ شەھەرلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، «ئەڭ گۈزەل سىڭىشىش، قول تۇتۇشۇپ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» تېمىسىدىكى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر يىلى ئىككى جايدىكى «ئەڭ گۈزەل ئائىلە»، «ئەڭ گۈزەل شەخس»لەرنى باشلاپ قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش، ئۆزئارا زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىدارە ـ ئورۇنلار، ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئىككى جايدىكى ئاممىنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى داستانىنى پۈتۈپ چىقتى؛ ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى جايدىكى ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر ساھەسىدىكىلەرنى ئۆزئارا زىيارەت قىلىپ، كەنتلەرگە بېرىپ ئائىلىلەر ۋە مەكتەپلەرگە كىرىپ، مەدەنىيەت يەتكۈزۈپ، ئويۇن قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ھېكايىلىرىنى قېزىپ ئىجادىيەت قىلىشقا تەشكىللىدى؛ جېجياڭ، شىنجاڭدىكى مۇزىكانتلار بىلەن بىرلىشىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى 13 كەنتكە كەنت ناخشىسى ئىجاد قىلىپ بېرىپ، دولان دەرياسى بويىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەشتەك يېڭى قىياپىتىنى مەدھىيەلىدى.

شىنجاڭغا ياردەم بەرگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىشنى تىلغا ئالغاندا، كۇڭ خۇاچياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: «كۆپچىلىكنىڭ مېنى ‹ئاياللارنىڭ دوستى› دەپ ئاتىشى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى» دېدى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ ئىككى جايدىكى ئاياللار بىرلەشمىلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ يېڭى دەۋر چيەنخې ئاياللار روھىنى جەنۇبىي شىنجاڭدا تارقىتىپ، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى بازىرىدا چيەنخې ئاياللار روھى ئاقسۇ ئەمەلىيەت بازىسى قۇردى، 2022 ـ يىلى، بۇ بازىغا مەملىكەت بويىچە ئاياللار ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، دەپ نام بېرىلدى. ئۇ يەنە ئىككى جايدىكى ئايال كارخانىچىلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئاياللار ئۈچۈن ئېلېكتىرونلۇق سودىغا تايىنىپ مال سېتىش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ ياساش، ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بەرپا قىلىپ بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورۇنلىرىنى ھەل قىلدى.

ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇساپىسى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە بىر ئۆمۈر رىشتە باغلىدى. كۇڭ خۇاچياڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېڭى كەلگەندىكى ئىككىلىنىش ھېسسىياتىم بۈگۈنكى كۈندىكى قىيالماسلىققا ئايلاندى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە كۆكيار روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، توغراق روھىنى چېنىقتۇرۇش، ئائىلە، دۆلەت مۇھەببىتىنى تاۋلاشنى باشتىن كەچۈردۈم. بۇ مەزگىلدە، تەر تۆكتۈم، ئەجىر قىلدىم، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى پىشىپ يېتىلىش خۇشاللىقى ۋە ئايرىلغاندىكى قىيالماسلىق بولدى. بەزىدە ئۆزۈم جياڭنەندە بولساممۇ، قەلبىم تىيانشاندا تۇرغاندەك چۈش كۆردۈم. كەلگۈسىدە مەن ئاقسۇ شەھىرىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا قۇربىمنىڭ يېتىشىچە ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئىككى جاينىڭ  ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئورتاق مۇستەھكەملىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش