دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭغا ياردەم بېرىش

خاڭجوۋدىن شىنجاڭغا كېلىپ ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئاقسۇ شەھىرىدە مۇزىكا پەنلىرىنى توردا ئوقۇتۇش-تەتقىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا كۈچ قوشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2022-10-26 10:03:47

  ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يادرولۇق ساپاسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئۆسۈپ يېتىلىش بازىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاقسۇ شەھىرىدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ باش تېمىلىق ئوقۇتۇش-تەتقىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە خاڭجوۋدىن شىنجاڭغا كېلىپ ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى شاۋ شۇيا «سىنىپ خورى ئوقۇتۇشىدا <ئاۋاز ئىقتىدارى>نى مەشىق قىلىش ۋە ئۆستۈرۈش» باش تېمىسىدا توردا لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىندى. ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىلىرى قاتارلىقلار بولۇپ جەمئىي 200دىن ئارتۇق ئادەم پائالىيەتكە قاتناشتى.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خور ئوقۇتۇشىغا بولغان تونۇشىنى ئىدىيە جەھەتتىن يېڭىلاش ئۈچۈن، تېخنىكا جەھەتتىن خور مەشىقى ئۇسۇلىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ھەرىكەت جەھەتتىن خور ئوقۇتۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شاۋ شۇيا سىنىپ خورىنىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ «نەزەرىيە ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۆزىنى تەربىيەلەشنى ئۆستۈرۈش، تەشەببۇسكار بولۇپ نەتىجە يارىتىش داۋامىدا ئاڭنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىيىن نۇقتا، تەپسىلاتلار ئىچىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، كۆپ مەنبەلىك باھالاش داۋامىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش»تىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن تەپسىلىي سۆزلىدى.

  شاۋ شۇيانىڭ قارىشىچە، ھەربىر ئوقۇتقۇچى تەرەققىيات تىپىدىكى ئوقۇتقۇچى بولۇشى، نەزەرىيە ئۆگىنىش داۋامىدا پەن ئىدىيەسىنى پۇختىلاپ، ماھارەت ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇتقۇچىلار خور ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەپەس مەشىقى، ئاۋاز چىقىرىش مەشىقى ۋە رېزونانس مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋاز توغرىلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئېنىق تەلەپپۇز، توغرا تەلەپپۇز قىلىش مەشىقىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ناخشا ئوقۇتۇشىغا قارىتا تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىپ، سىنىپ خورىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى، خور ئوقۇتۇشىنىڭ شەكلى، ئۇسۇلىنى بېيىتتى.

  شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش