دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭغا ياردەم بېرىش

ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى جياڭشىغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-07-13 12:23:06

يى ليەنخۇڭ، يې جيەنچۇن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ياۋ زېڭكې پائالىيەتكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنىدىن 6 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جياڭشىغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى. جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يى ليەنخۇڭ، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى يې جيەنچۇن، جياڭشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ياۋ زېڭكې ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

7 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جياڭشى ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يى ليەنخۇڭ، يې جيەنچۇن جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە 45 مىليوندىن ئارتۇق جياڭشى خەلقىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ جياڭشىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى. يى ليەنخۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، يېڭى ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. ئالدىنقى ئايدا شىنجاڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق بىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى كۈچلۈك ۋەزىيەتنى تېخىمۇ بىۋاسىتە ھېس قىلدۇق، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇش، ئالغا سىلجىتىشنىڭ مول نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدۇق، شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى قىياپىتىنى ھېس قىلدۇق. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر «زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش»تىن ئىبارەت قوللاش سالمىقى ئارقىلىق، ئاقتۇ ناھىيەسىنى جياڭشىنىڭ ئالاھىدە بىرىنچى ناھىيەسى دەپ ھېسابلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز. جياڭشى ـ شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ ھەرقايسىسىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، جياڭشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

نۇرلان ئەبىلمەجىن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، خالىس ياردەم بەرگەنلىكى ۋە چىن كۆڭلىدىن ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جياڭشى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بۆشۈكى، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۆشۈكى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۆشۈكى ۋە جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ مەنبەسى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان. جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تەپسىلىي كۆزىتىپ، پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇردى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەردە ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شىنجاڭ ـ جياڭشىدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئورتاق تىرىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن جياڭشىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق پايدا ئېلىش، تەرەققىي قىلىش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جياڭشى ئۆلكىسىنى ئۆمەك تەشكىللەپ بۇ يىلقى جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمەن.

جياڭشىدىكى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى نەنچاڭ ئاۋىياتسىيە شەھەرچىسى، نەنچاڭ «1 ـ ئاۋغۇست» قوزغىلىڭى خاتىرە سارىيى، جياڭلىڭ ئاپتوموبىلى فۇشەن زاۋۇتى، جۇڭگو (نەنچاڭ) مەۋھۇم رېئاللىق VR كەسىپ بازىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيەدە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

جياڭشى ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن لياڭ گۇي، ۋۇ خاۋ، لى خۇڭجۈن، جۇاڭ جاۋلىن، شى ۋېنبىن، ليۇ چياڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، ليۇ جيەنمىڭ قاتارلىقلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش