دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭغا ياردەم بېرىش

ۋىلايەت فوشەن شەھىرى بىلەن كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشتا مول نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى
​11 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، سېلىنما سوممىسى 1 مىليارد 867 مىليون يۈەنگە يەتتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:«ئاقسۇ گېزىتى»ۋاقتى:2021-09-24 11:26:51

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى. 9 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ــ گۇاڭدۇڭ (فوشەن شەھىرى) كەسىپ ھەمكارلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا 11 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، سېلىنما سوممىسى 1 مىليارد 867 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ ۋىلايەتنىڭ فوشەن شەھىرى بىلەن كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن ھەم مول نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ قېتىمقى سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ۋىلايەت فوشەن دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بىلەن بىرلىشىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك كەسىپ بايلىقى بىلەن فوشەننىڭ «كەسپىي، سەرخىل، خاس، يېڭى» كارخانىلىرى ۋە تۈرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە ۋاسىتە، كۆۋرۈك بەرپا قىلىدى، كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش نەتىجە ـ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، نەق مەيداندا 11 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، سېلىنما سوممىسى 1 مىليارد 867 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ تۈرلەر جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر، باغچە رايونىنى دوستانە ئورتاق قۇرۇش، پەن ـ تېخنىكا كەشپىيات نەتىجىلىرىنى باشقا جايدا كۆپەيتىش قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ. سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا فوشەن دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشقاندىن سىرىت، يەنە 67 كارخانا، ئاپپارات ۋە سودىگەرلەر جەمئىيىتى قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ليەنسۇ پەن ـ تېخنىكىسى ئوقەتچىلىك شىركىتى، رىفېڭ گۇرۇھى، گۇاڭدۇڭ شۆلەيتې فوتو ئېلېكتىر پەن ـ تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، شېنجېن دىڭفېڭ چەكسىز ئېلېكتىرون چەكلىك شىركىتى، بىگۈييۈەن گۇرۇھى، كاڭجيا گۇرۇھى، شېنجېن ئالەم قاتنىشى پەن ـ تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى قاتارلىقلارمۇ بار.

ۋىلايەتنىڭ گۇاڭجوۋدا تۇرۇشلۇق سودىگەر چاقىرىش مەركىزى ھەم ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرى، ئونسۇ ناھىيەسى قاتارلىق جايلارنىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق مەسئۇللىرى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا كەسىپ تۈرلىرىنى تونۇشتۇردى.

ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ 2 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى خوۋ يۈفاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى گۇاڭجوۋدا تۇرۇشلۇق سودىگەر چاقىرىش مەركىزىنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلىش ھەم گۇاڭجوۋدىكى كارخانىچىلارغا ئاقسۇنىڭ ئوبرازى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىشتىكى ياخشى پۇرسەت، تېخىمۇ كۆپ باشلامچى كارخانا، تايانچ كارخانىلارنىڭ ۋىلايىتىمىزگە بېرىپ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يىل 3 ـ ئايدا ۋىلايەت مۇقىم تۇرۇپ سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق سودىگەر چاقىرىش مەركىزى پائال سىرتقا چىقىپ، كىرگۈزۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ مەركىزى بولغان جېڭجوۋ قاتارلىق رايونلاردا سودىگەر چاقىرىش مەركىزى قۇردى، گۇاڭجوۋدا تۇرۇشلۇق سودىگەر چاقىرىش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى چوڭ قولتۇق رايونىغا كىرىپ، باغچە رايونىدىكى زاۋۇتلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەسىپلەرنىڭ ماسلىشىش دەرىجىسىنى توغرا تېپىپ، كەسىپلەرنىڭ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، زەنجىرىنى تولۇقلاش، زەنجىرىنى كۈچەيتىشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش