دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ئىككى جاينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈش كېرەك
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-05 12:22:22

شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى خېيلۇڭجياڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى

ئىككى جاينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈش كېرەك

خاربىن، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى بىڭتۇەن گېزىتى مۇخبىرى شېن يۈەنگېڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ خېيلۇڭجياڭغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ چىن 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى لى يىفېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى لياڭ خۇيلىڭ، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ جىجۈن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شۈ چىن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خېيلۇڭجياڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ بىلەن خېيلۇڭجياڭنىڭ ئارىلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئالاقە مەنبەسى چوڭقۇر. ئىككى تەرەپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى ھەم بىڭتۇەن 10 - شى بېيتۈن شەھىرىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى، يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئورتاق تۈرتكە بولدى. يېڭى مۇساپىدە، خېيلۇڭجياڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. ئىككى جاينىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن خېيلۇڭجياڭ خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىككى جاينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى يىفېي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەننى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خېيلۇڭجياڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى، خېيلۇڭجياڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى تەجرىبىلىرى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە، ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. لى يىفېي مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئەمەلىي مەبلەغ سېلىپ، چىن مېھىر - مۇھەببىتىنى سىڭدۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شىنجاڭغا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش يېڭى سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى جايدىكى پۇقرالارغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لى يىفېي قاتارلىقلار خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن ھەر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. خېيلۇڭجياڭدىكى مەزگىلدە، پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە خاربىن سانائەت داشۆسى، بېيداخۇاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش گۇرۇھىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن ياڭ بو، يۈ خۇڭتاۋ، ۋاڭ چيۇشى، چۈ مىن، جاڭ ياجۇڭ، خاربىن سانائەت داشۆسىنىڭ رەھبىرى شيۇڭ سىخاۋ، ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، ۋاڭ جيەنشىن، مەردان مۇقىيىت، لى شۈ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش