دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

​«ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-12-04 12:26:25

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

«ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ <ئىككىنى تىكلەش>نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى» ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش قائىدىسى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش چارىسى» مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىكى ئالىي پىرىنسىپ، دۆلىتىمىز تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك؛ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىك ئۇسۇلنى قوللىنىپ پىكىر توپلاپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى سىجىل تۈزەپ، تۈرلۈك ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئۆز تەۋەلىكىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تەلىپىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. «يوشۇرۇن خەۋپ ھادىسە دېمەكتۇر» دېگەن مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى كۆمۈر كان، ئوت ئۆچۈرۈش، قاتناش، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى، ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىشى، گاز ئىشلىتىشى قاتارلىق كەسىپ، ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پەسىل خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە توسۇپ، تەبىئىي ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش؛ بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈمى، تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش؛ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە تاسادىپىي ئاممىۋى خەۋپسىزلىك ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە بىخەتەرلىك بىلىملىرى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئېڭى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش ۋە تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىرلىكتە تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ۋە تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلەش، قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇشتا دۇچ كەلگەن كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، «ئۈچتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە 20 تۈرلۈك ئەلالاشتۇرۇش تەدبىرىدە تەۋرەنمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، خېسۇەن تەكشۈرۈشنى تەرتىپلىك تەشكىللەپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان كىشىلەر توپىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ - تىزگىنلەپ، يۆتكەپ ئايرىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلمىي، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق خەۋپ - خەتەرگە ئالاقىدار ئىشلاردىن باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى باشقۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇپلا بولدى قىلىش» ۋە «ئېچىۋېتىپلا بولدى قىلىش»تىن ئىبارەت ئىككى خىل ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىش خاھىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. دىققەتنى پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانائەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، سودىگەر چاقىرىشنى تۇتۇش، سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرلەرگە قارىتا ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، ئالدىن تىزگىنلەش ۋە بالدۇر ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش