دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-27 11:35:26

ساۋ جيەنمىڭ گۇرۇپپىنى باشلاپ تەكشۈردى

لۇ شىنشې، لى جىخېڭ، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، ليۇ يۈتىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن 24 ـ كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ئەھۋالى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈردى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرىدىن لۇ شىنشې، لى جىخېڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈتىڭ قاتارلىقلار قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

ساۋ جيەنمىڭ سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشتا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلىرى ۋە ئىزدىنىپ توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلاردا 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايون ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئاچقۇچلۇق مۇھىم ئامىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى تەربىيەلەشتىكى ئاساسىي يول بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، يۇرتىغا قايتىپ يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنى قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش كېرەك. يېزا ـ كەنتلەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى روھنى تاۋلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت، مىللەتلەر خاسلىقى، يېزا ـ كەنتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نەتىجىلىرى قاتارلىقلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت ـ ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى كەسىپ تەرەققىياتى ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ياخشى ئېكولوگىيەنى مۇھىم تىرەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزىلاردا ئەخلەتنى مەنبەدىن تۈرگە ئايرىش ۋە شۇ جايدا بايلىقلاشتۇرۇپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى ساقلاش كېرەك. يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى، سەۋىيەسى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن يېزا ـ كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا جەمئىيىتىنىڭ ئۇزاققىچە ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جاسارەت بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى قاتارلىق قانۇن ـ نىزاملارنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»تا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئۇرۇقچىلىق خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە ـ كۆكتات قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، يېزا ـ كەنت خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرى، ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيىتى، ئېكولوگىيەسى، تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ تېخىمۇ باي ـ باياشات، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، يېزا ـ كەنتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا، قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارغا ئىزاھات بېرىلدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى. لۇ شىنشې، لى جىخېڭ قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن ئاشلىق، پاختا كەسپى ۋە يېزا ھەمكارلىق ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى، پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار ناھىيە، شەھەرلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا ـ كەنت خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى، يېڭىچە ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىنى يېتىلدۈرۈش، يېزا ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش، يېزا ـ كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

قادېن كەبىن، سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، مەڭلىك سىيىت قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش