دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

تونۇش ۋە ئەمەلىيەت: ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-27 11:34:39

− 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىلھامى بىلەن (3)

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، كاتتا مەرىكىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش. 9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىن 22 ـ كۈنىگىچە، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 32 دۆلەت(رايون)تىن كەلگەن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، كارخانا مەسئۇللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولدى.

ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ. چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش، غەربكە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ ئۆزى بىر سىگنال. «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقىلىپ قالمايدۇ، بەلكى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ»، شۇنداقلا «شىنجاڭنىڭ نىسپىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىدىن سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلىنىشى»نىڭ جانلىق كارتىنىسى.

تونۇش − ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىش ئىرادىسى ۋە قەتئىيلىكى.

ئەمەلىيەت − قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاز ـ ئازدىن تۇتۇپ نەتىجە يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر خەلقلىرىگە بەخت يارىتىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت.

ئاساسنى پۇختىلاپ سۇپا قۇرۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

قەدىمىي يىپەك يولى يىراق ـ يىراقلارغا سوزۇلۇپ، مىڭ يىللاپ داۋاملاشتى، «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، مۇقەررەر ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ئۇچقاندەك يۈكسىلىدىغان قاناتقا ئىگە قىلدى، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى.

كۆرگەزمە نەق مەيدانىدا، كارخانىچىلار كۆرگەزمە بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىش ھېكايىسىنى بايان قىلدى. دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ دۆلەت قاتلىمىدىن ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىيات سەھنىسىگە چىقىپ بولدى، بارغانسېرى كۆپ كارخانا بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.

ئەمدىلا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېپيېڭى قىياپەت بىلەن 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. 1 ـ نۆۋەتلىكتىن 7 ـ نۆۋەتلىككىچە، بۇ كارخانا شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتقانلىقىغا گۇۋاھ بولۇش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، تەرەققىيات قەدىمى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتكە يېتىپ باردى.

«سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىپ، بىز نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدۇق. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك گۇرۇھىمىزنىڭ بارغانسېرى داڭقى چىقىپ، مەھسۇلاتلىرىمىز تۈركىيە، بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىپ، <دوستلار چەمبىرىكى>مىز بارغانسېرى زورايدى» دېدى شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ جىڭيا.

1 ـ نۆۋەتلىكتىن 7 ـ نۆۋەتلىككىچە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى سۇپىسىغا تايىنىپ، مەھسۇلاتى ۋە تېخنىكىسىنى 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلدى، ھەمدە مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشتىن قۇرۇلۇش مۇلازىمىتىنى ئېكسپورت قىلىشقىچە، يەنە جۇڭگونىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئېكسپورت قىلىشقىچە بولغان تىپ ئۆزگەرتىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى، شىنجاڭ ماركىسىنىمۇ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى شىنجاڭدىكى بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك، خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە، بۇ كۆرگەزمە 11 يىلدىن بۇيان يەتتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ دىققەت ـ ئېتىبارىنى قوزغىدى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

«جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى خەلقئارا سودا سۇپىسىغا ئايلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېكسپورتىغا تېخىمۇ كەڭ پۇرسەت يارىتىپ بەردى» دېدى بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدىكى ئاساسلىق مېھمان دۆلەت بولغان قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭى توقايېف سىنلىق نۇتۇق سۆزلىگەندە.

«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈنسېرى كېڭەيتتى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى.

بۇ يىل 8 ـ ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 30 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %119.3 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 110.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى.

مۇستەھكەم ئۇل سېلىپ ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، يادرولۇق رايوننى يۈكسەلدۈرۈش

«بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى(RCEP)گە ئەزا دۆلەتلەردىن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگىچە، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى 3597 كارخانا «تور+ تور سىرتى» شەكلىدە كاتتا مەرىكىگە قاتناشتى.

شىنجاڭ ئېچىۋېتىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلىدى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى، دۆلەت ئايرىمىسى كۆپ، نەتىجىسى مول بولۇپ، ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك كۆرگەزمىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلار ۋە كارخانىلار كۆرگەزمىگە بەس ـ بەستە قاتناشتى، بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى مۇجەسسەملىگەن ئورتاق تونۇش ۋە ئېنېرگىيە ئېففېكتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى سۇپىسى ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارزۇسىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى.

كۆرگەزمە، يىغىن ـ پائالىيەتلەرگە قاتناشقان خادىملار بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئارزۇدىن ھەرىكەتكە ئۆزگىرىش، تەشەببۇستىن رېئاللىققا ئايلىنىش، پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چوڭ سىزما»دىن تۈجۈپىلەپ سىزىلغان «نەپىس سىزما» بولۇپ پۈتۈپ چىقىش جەريانىدا، يىراق ـ يىراقلارغا سوزۇلغان، مىڭ يىللاپ داۋاملاشقان قەدىمىي يىپەك يولىنى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

2017 ـ يىلى، قازاقىستاندىن كەلگەن قانات بېكتېمبايېف شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورۇن، ئادىمىيەت، سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۈرۈمچىدە شېرىك كارخانا − شىنجاڭ ئوگفورد ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە ئۇ قازاقىستاننىڭ چاي، پېچىنە قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كەلدى.

«بىزگە نىسبەتەن، شىنجاڭ پەقەت سېتىش بازىرىلا ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندە شىركىتىمىزنىڭ كەسىپلىرى يىغىن ـ كۆرگەزمە مۇلازىمىتى، سودا ئىشلىرى مۇلازىمىتى، تەرجىمە مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەگە چېتىلدى.» قانات بېكتېمبايېف مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا، كارخانىمىز تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەت، يېڭى ئەندىزىلەرنى تاپتى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئارقىلىق داۋاملىق يېڭى قىممەت يارىتىمىز.

«ئالماشتۇرۇش» ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ. جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ھەم بىر «ئالماشتۇرۇش» سەھنىسى، ھەم بىر خىل «ئالماشتۇرۇش» مېخانىزمى. تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق قۇرۇشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى نۇرغۇن خەلقئارا كارخانىغا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان سۇپا ھازىرلاپ بەردى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تېخىمۇ زىچ تۇتاشتۇرۇپ، كۆرگەزمە قىلىنغان بۇيۇملارنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇش، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنى مەبلەغ سالغۇچى كارخانىغا ئايلاندۇرۇشتەك گۈزەل ئارزۇنى ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئۆزئارا پايدا ئېلىش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇش، تەقدىرداش بولۇشنىڭ تەسىرلىك يۆگىمە رەسىمىگە ئايلاندۇرماقتا.

كۆرگەزمە مەزگىلىدە، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزئارا سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، مۇلازىمەت، سودا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش نەتىجىلىرىگە ئېرىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپە قالدۇردى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە 448 ھەمكارلىق تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، سوممىسى 1 تىرىليون 171 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك كۆرگەزمىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىن ئىبارەت قوش بېسىم ئاستىدا، بۇنداق ئىقتىساد ـ سودا نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى ئەۋزەللىك يېتىلدۈرۈش، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىستېرېئولۇق ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى تەرەققىيات تومۇرىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، يىپەك يولىنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش

يېڭى دوستلار قەدىناسلارغا ئايلاندى، جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تاشما ئېففېكتى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى. يەتتە نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر ئىزدىنىشتىن تەجرىبىلىك بولۇشقىچە، بىر قېتىملىق توختامدىن چوڭقۇر ھەمكارلىشىشقىچە بولغان جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى كارخانىلار كۆرگەزمىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنى تاپتى...

شىنجاڭدا كارخانا تەسىس قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كان قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئاراتۆرۈك ناھىيەسىدە مەبلەغ سېلىپ، كۆمۈر ئاساسىدىكى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يېڭى ماتېرىيال بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى قۇردى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جياڭنا ئېنېرگىيە پەن ـ تېخنىكا گۇرۇھى يېشىل تەرەققىيات باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ چىرايلىق جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى.

«ھازىر، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، گۇرۇھنىڭ شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىپ كىرىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىدى، شىنجاڭدا ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش غەيرىتى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى» دېدى بۇ گۇرۇھنىڭ باش مۇدىرى لى يۈندې.

خۇاشيا دادى (گەنسۇ) بىيوماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لىن فېي مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭغا ماكانلىشىشتا، بىز بۇ جاينىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە خاس كەسىپ ئەۋزەللىكى، يەنە ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۆزدە تۇتتۇق».

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى يالغۇز كىشىلىك ئويۇن ئەمەس، بەلكى ھەيۋەتلىك تەڭكەش مېلودىيە. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە كارخانا ئۇنىڭدىن ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى كۆردى، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى ۋە تەخىرسىز بولدى.

«7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپنىڭ ۋېنگرىيەگە كەڭ دائىرىدە دىققەت تارتىدىغان شان ـ شەرەپ بېرىپ، ۋېنگرىيەنى بۇ قېتىمقى كاتتا مەرىكىنىڭ ئاساسلىق مېھمان دۆلىتى بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.» ۋېنگرىيە زۇڭلىسى ئوربان مۇنداق دېدى: ۋېنگرىيە شەرق ـ غەرب ھەمكارلىقىنىڭ قەتئىي تەشەببۇسچىسى، جۇڭگو ۋېنگرىيەنىڭ ياۋروپا سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى، جۇڭگو−ئوتتۇرا ياۋروپا ئەندىزىسى بۇنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، بىز تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىغان ياۋروپا دۆلىتى بولغانلىقىمىزدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمىز. بىز ۋېنگرىيەنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى ئەڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشقا ئۈندەيمىز.

رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى (RCEP) بىلەن قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولى مۇنبىرىدە، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەكتىكى خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئۆزئاراياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ سەيپىڭ مۇنداق قارىدى: قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سودا ئالاقىسىنى ھەقىقىي تۇتاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى جۇڭگودىن باشلانغان، شۇنداقلا دۇنياغا مەنسۇپ؛ تارىختا يىلتىز تارتقان، شۇنداقلا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن.

جۇڭگو شىنجاڭ مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەت ئالدىدا تۇرۇپ، ئوچۇق تەرەققىيات پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان بىر قاتار دىپلوماتىيە نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشىدۇ.

ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ دۇنياغا پۇرسەت دەرۋازىسىنى كەڭ ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش