− 2022 جۇڭگو (شىنجاڭ) − قازاقىستان كارخانىچىلار مۇنبىرىدىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالىغا نەزەر
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەن
1700 كىلومېتىردىن كۆپرەك ئورتاق چېگراسى بولغان، 2000 يىلدىن كۆپرەك ئالاقىلىشىش تارىخى بولغان دوستانە قوشنا دۆلەت، تەڭداشسىز مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار... 30 يىلدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.
9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، 2022 جۇڭگو (شىنجاڭ) − قازاقىستان كارخانىچىلار مۇنبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ـ سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىشىشنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.
ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىدىغان مۇھىم ھەمراھلار
9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى «ئالتۇن 30 يىل»نى ئەسلىسەك، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى دەسلەپكى 368 مىليون دوللاردىن تەرەققىي قىلىپ 2021 ـ يىلىدىكى 25 مىليارد 250 مىليون دوللارغا يېتىپ، 70 ھەسسىگە يېقىن ئاشتى. نۆۋەتتە، جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراھى دۆلىتى، بىرىنچى چوڭ ئېكسپورت نىشانى دۆلىتى ۋە ئىككىنچى چوڭ ئىمپورت مەنبەسى دۆلىتى.
ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ئالغا سىلجىتىلىشى شۇ جايدىكى كىشىلەرنى ئەمەلىي نەتىجىلەردىن بەھرىمەن قىلدى.
«بىز ئەڭ دەسلەپتە ئىشنى 3000 يۈەنلىك تاشقى سودىدىن باشلىغانىدۇق، 30 يىلدا زورىيىپ، ئۇدا توققۇز يىل شىنجاڭدىكى تاشقى سودا كارخانىلىرى ئىچىدە ئېكسپورت جەھەتتە بىرىنچى بولدۇق» دېدى شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى كاڭ خېپىڭ.
ئەڭ بۇرۇن قازاقىستاندا تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللانغان شىنجاڭلىق كارخانىچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كاڭ خېپىڭ 30 يىلدا جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ سودا كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدى. ئۇنىڭ كارخانىسىمۇ ئاددىي بولغان تاشقى سودا توپ سېتىش كارخانىسىدىن تەرەققىي قىلىپ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودىسى، مەبلەغ سېلىش، كانچىلىق، چېگرا سىرتىدا قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال تاشقى سودا كارخانا گۇرۇھىغا ئايلاندى.
بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ھەمكارلىق تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، سەنباۋ گۇرۇھى قازاقىستان تەرەپ بىلەن تۈر سوممىسى 8 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان ھور بېسىملىق، گازلىق خىش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى توختامى ئىمزالاپ، قازاقىستان تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىغا كۈچ قوشتى.
30 يىلدىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتە ھەمكارلىشىشتىن سودا سېلىنمىسىغىچە، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتىن يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ھالىتىگىچە، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقىچە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى ۋە ئېلاستىكلىقلىقىنى نامايان قىلدى.
«جۇڭگو شىركەتلىرى قازاقىستاننىڭ مۇھىم، زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشتىكى ئاساسلىق ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىگە پائال قاتناشماقتا.» قازاق مەبلەغ سېلىش دۆلەتلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى يۇسۇپوف مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، 52 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئومۇمىي سوممىسى 21 مىليارد 200 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان تۈر تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىدىكى ئەڭ ئالدىنقى سەپ
سەرخىل مىس رۇدىسى، ئېلېكتىرولىزلانغان مىس سېتىۋېلىش، مېۋە ـ كۆكتات، ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىل ئېكسپورت قىلىش، ئارپا، زاراڭزا ئۇرۇقى ئىمپورت قىلىش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ھەمكارلىشىش يېڭى كەسىپ ھالىتى... مۇنبەرنىڭ ھەمكارلىق تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش ھالقىسىدا، جۇڭگو شىنجاڭدىكى نۇرغۇن كارخانا قازاقىستان كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق تۈرى ئىمزالىدى، تۈر سوممىسى جەمئىي 470 مىليون دوللار بولدى.
كارخانىلار كېلىشىم ئىمزالىغاندىن سىرت، ئورتاق كېڭىشىش ئارقىلىق شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى بىلەن قازاق مەبلەغ سېلىش دۆلەتلىك شىركىتى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەت سودا ـ سانائەت ساھەسىنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسى، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.
«ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى سىجىل، تېز، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى، جۇغراپىيەلىك قوشنىدارچىلىق ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي ھەمكارلىق ئەۋزەللىكىگە، سىجىل ئېشىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى.» جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە ئاسىيا ـ ياۋروپا ئىقتىساد ـ سودا ئالاقە تۈگۈنىگە ئايلىنىشىنى تېزلەتمەكتە، ئىلگىرىكى جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىغا ئەمەلىي ھەمكارلىق سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى.
يېڭى باشلىنىش، يېڭى كەيپىيات، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلدى. بۇ يىل قازاقىستاندىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ ھالىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، رەقەملىك ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، پەن ـ تېخنىكا، داۋالاش ـ سەھىيە، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭى ساھەلەردە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى.
«يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، بىز شۇ جايدا قۇرغان شامال ئېلېكتىرى تۈرىدىمۇ توك تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ پائال مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.» شىنجاڭ جىنفېڭ پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ باش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فاڭ جۇڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ 2013 ـ يىلى ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشۇش ئۈچۈن، جىنفېڭ پەن ـ تېخنىكا شىركىتى كارخانا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قازاقىستانغا زىيارەتكە ئەۋەتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۇنجى بېكەت بازىرىنى پائال ئورۇنلاشتۇردى. نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى شىركىتىمىزنىڭ چەت ئەل بازىرىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە بىر رايونى بولۇپ قالدى.
ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كەڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىستېرېئولاشقان تۇتاشتۇرۇش تورى ھەرقايسى تەرەپلەرگە تۇتاشقان، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، نېفىت ـ تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنى قاپلىغان بولۇپ، ياۋروپا ـ ئاسىيانى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان قۇرۇقلۇق، دېڭىز كۆپ شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت «چوڭ تومۇرى» بەرپا قىلىندى؛ جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، قورغاس، ئالاتاۋدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۆمۈريول پورتىدا چېگرادىن كىرىپ چىققان نۆۋەتچى پويىز سانى 50 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ، ياۋروپا ـ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان سودا «جان تومۇرى» بەرپا قىلىندى؛ جۇڭگو ـ قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى چېگرا ھالقىغان تۇنجى ئەركىن سودا رايونىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى...
ئەمەلىي كۈچى بار تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كارخانىلىرى قازاقىستانغا كىرىپ، قازاقىستان تەرەپ ھەمراھلىرى بىلەن سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى، قازاقىستان ھۆكۈمەت تەرەپمۇ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈپ جۇڭگو تەرەپ سودىگەرلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
«بۇلتۇر، دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتىدىكى مەسئۇل تارماقلار يېتەكچىلىك قىلىپ، باجنى كەچۈرۈم قىلىش، تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى قاتارلىق ھەمكارلىق يېڭى مېخانىزمىنى ئىمزالاپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇھىم ئىقتىسادىي تۈرلەرنىڭ دۆلىتىمىزگە ماكانلىشىشىنى قوللاپ، جۇڭگو تەرەپنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ، مەبلەغ سالغان كارخانىچىلارغا مۇلازىمەت قىلدى» دېدى قازاق مەبلەغ سېلىش دۆلەتلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ۋەكىلى قۇۋاننېش.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ياراتتى. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا ئالماشتۇرۇش، كېڭەيتىش، كۆپ قاتلاملىق پەن ـ تېخنىكا ھەمكارلىقى، ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يېڭى قىزىق نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش، ئالاھىدە دورىلارغا ئىشلىتىلىدىغان بايلىقلارنى ئېچىش... جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى تەرەپنىڭ كارخانا ساھەسى چوڭقۇر قاتلاملىق ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلدى.
«جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق بىر تۈركۈم جاسارەتلىك ۋە پاراسەتلىك كارخانىچىلاردىن ئايرىلالمايدۇ. بىز كۆپ تەرەپلىك ئېچىش تىپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى تۈرلىرىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، ئىككى جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىمىز.» ياۋروپا گۈللەندۈرۈش تەرەققىيات بانكىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ۋەكىلى لى شىنشىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى سۇپىسى يولى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تۈرلەر ئارقىلىق ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
قازاقىستان دۆلەت كارخانىچىلار، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەئىسى باتالوف مۇنداق دېدى: جۇڭگو قازاقىستاننىڭ مەڭگۈلۈك قوشنا دۆلىتى ۋە پۈتۈن كۈنلۈك دوستى. جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ـ سودا مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.