دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىمىز
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-22 20:19:50

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ۋە كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى −

يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تاراپ، كاتتا مەرىكە كۈتۈۋېلىندى، يىپەك يولى يېڭى پۇرسىتىدىن ھەممە تەڭ بەھرىلەندى. 9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۆرگەزمىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، تەبرىك خەتتە شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرگەن پائال نەتىجىلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا بولغان چوڭقۇر ئۈمىدى كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ۋە كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەرنى ئىنتايىن روھلاندۇردى، زور ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: كۆرگەزمىنى سۇپا قىلىپ، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىمىز.

تەبرىك خەتتىن روھلاندۇق، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرىمىز

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى سۇپا قىلىپ، تىنچلىق ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئوچۇق ـ سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ـ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاسىيا ـ ياۋروپا ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ياۋروپا گۈللىنىش تەرەققىيات بانكىسىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئىجرائىيە ۋەكىلى لى شىنشىڭ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيە بويىدىكى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدىغان تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېشىل يول، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيلىك يولىغا ئايلانماقتا. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى بىزنىڭ ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. بىز جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ چەت ئەلدىكى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى تۈرلىرىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، كارخانا بىلەن يەرلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرىمىز.

«رەئىس شى جىنپىڭ كۆرگەزمىگە ئالايىتەن تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، شىنجاڭنىڭ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىشتىكى نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىن زور ئىللىقلىق ھېس قىلدۇق.» شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور جاۋ شياۋخەي مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن يىپەك يولى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشىنى ياخشى قۇرۇپ، «جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى + قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى»نىڭ ئورگانىك يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز.

سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەتقىقات يۇرتى ياۋروپا ـ ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى ليۇ خۇاچىن ئۇزاقتىن بۇيان رەقەملىك ئىقتىساد ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى پۇرسەت بىلىپ، يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ـ قازاقىستان ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئاقىل شەھەر، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى رەقەملىك ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئورتاق پايدا ئېلىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى بىزنىڭ شىنجاڭغا تېخىمۇ ياخشى مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى» دېدى جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كەسىپ ئېچىش ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇڭ يىڭچياڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى شىنجاڭدا پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، پائال نەتىجىگە ئېرىشتى. جۇڭ يىڭچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىركەت شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى ئېنېرگىيە، ئۇنىۋېرسال كانچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە ماكانلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسىنى سىرتقا چىقىرىش قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلىتىدۇ.

«رەئىس شى جىنپىڭ: ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىگە تولغان بولۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق رايون، دەپ كۆرسەتتى. بۇ بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى!» جېڭجوۋ بەيشىڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى تاۋ ۋېنشېڭ مۇنداق دېدى: شىركەت بۇ قېتىم 26 تۈردىكى 600دىن كۆپرەك مەھسۇلاتنى ئېلىپ كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بازىرىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

2017 ـ يىلى، قازاقىستاندىن كەلگەن قانات بېكتېمبايېف شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۈرۈمچىدە بىر شېرىك كارخانا قۇردى، بۈگۈنكى كۈندە شىركەتنىڭ كەسىپلىرى كۆرگەزمە مۇلازىمىتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كۆپ ساھەلەرگە كېڭەيدى. «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى ۋە كۆرگەزمىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتكەنلىكى ماڭا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئاسىيا ـ ياۋروپا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.» ئۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىركەتنىڭ چوقۇم تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

كۆرگەزمىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن 30 نەچچە نۇقتىلىق كارخانا بىڭتۇەن خاسلىقىغا ئىگە 100 خىلدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلدى. شىخەنزە تەرەققىيات رايونى شېننېي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يىن جۈنتاۋ مۇنداق دېدى: «شىركەتنىڭ شىنجاڭنىڭ خاس مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 26 يىل بولدى، كۆپ خىل مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى بازارلاردا بازار تاپتى. كۆرگەزمىدىن ئىبارەت بۇ ئېچىۋېتىلگەن سۇپىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى بازارلارنى يەنىمۇ ئېچىپ، ئەلا سۈپەتلىك مېۋە ـ كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولىمىز

رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا ـ ياۋروپا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشى، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پائال نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كەڭ سودىگەرلەرنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى.

جۇڭتەي گۇرۇھى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ «دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا» قاتارىغا كىرگەن دۆلەت كارخانىسى، بىر پارچە كۆمۈر، بىر تېمىم ماي، بىر تال ئۇرۇقتىن بىر تال مەشۈت، بىر توپ رەخت، بىر ۋاق تاماققىچە، گۇرۇھ تەرەققىياتتا باشتىن ـ ئاخىر مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، جۇڭتەي گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭشىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن دىققەتنى «خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىكى، ئەشيا ئوبوروتى»دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى خىل بايلىق، ئىككى بازاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ زەنجىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىنى قوشىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك رەقەملىك ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «ئاقىل مەدەنىيەت ـ ساياھەت» قاتارلىق پىشىپ يېتىلگەن رەقەملەشكەن يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايوندىكى تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىگە يۈزلەنگەندە، بۇ شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور چېن دېفۇ مۇنداق بىلدۈردى: تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «رەقەملىك ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرى تىجارىتى، مۇلازىمىتىدىكى دۆلەت كوماندىسى بولۇش، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو، ئاقىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي قوشۇن بولۇش، رەقەملىك تېخنىكا بويىچە يۇغۇرۇلۇش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچى بولۇش»تىن ئىبارەت بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىمىز.

كەسىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تىرەك. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئۈچ كارخانا بىلەن قىممىتى 47 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالىدى. تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رېن جيەنپىن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق كەسىپلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەت كەسىپلىرى بىلەن يۇغۇرما تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان يېڭى ئەندىزىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىمىز».

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ شياڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، ياڭ شۇخەن، خېي خۇڭۋېي، فەن چيۇڭيەن، تويا، ما يىنىڭ، گاۋ فېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش