دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەر يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي تەرتىپلىك ئوقۇش باشلىدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-22 20:18:46

تارباغاتاي ۋىلايىتى:

ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەر يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي تەرتىپلىك ئوقۇش باشلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«بەدەن تېمپېراتۇرىڭىز 36.3 سېلسىيە گىرادۇس، نورمال، بىر مېتىر ئارىلىق ساقلاپ مېڭىڭ.» 9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، چۆچەك شەھەرلىك 1 ـ باشلانغۇچ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا، ئوقۇغۇچىلار ماسكا تاقاپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەتكەندىن كېيىن مەكتەپكە تەرتىپلىك كىردى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىستاڭچىلىق بولۇش، توپلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ مەكتەپ يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قويۇپ بېرىشنى يولغا قويدى.

«ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن، بىز ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى قاتارلىق كۆپ خورايدىغان يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلاپ قويدۇق ھەم تەنتەربىيە مەيدانى، تازىلىق ئۆيى، ئوقۇتۇش بىناسى قاتارلىق ئاممىۋى رايونلارنى تەلتۆكۈس تازىلىدۇق ۋە دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈردۇق.» بۇ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لو چۇنمېي مۇنداق دېدى: سىنىپ، كارىدور، پەلەمپەي تۇتقۇچى قاتارلىق بالىلار دائىم تۇتىدىغان ۋە توپلىشىدىغان جايلارغا قارىتا، «ئۈچ جاينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش، ئىككى جاينى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپ يەنە پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئائىلە، مەكتەپ ماس ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى سەھەردە، چاغانتوقاي ناھىيەلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، ھەممىلا يەردىن يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاپ، ئەستايىدىل دەرس ئاڭلىدى؛ دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ماسكا تاقاپ سىنىپتىن چىقىپ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازادىلىشىپ، روھىي ھالىتىنى تەڭشىدى.

چاغانتوقاي ناھىيەلىك 2 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خەن مىڭجاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: تور سىرتىدىكى ئوقۇتۇشنىڭ بىخەتەر، قېلىپلىق، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەكتەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش، يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي غىزالىنىشنى يولغا قويۇپ، مەكتەپلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئاتا ـ ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى تەرتىپلىك، پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئوقۇش باشلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 ـ يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ى بويىچە، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇش باشلاش خىزمەت لايىھەسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش لايىھەسى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى تۈزۈپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ناھىيە، شەھەر، مەكتەپلەرنى تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىگە قەدەر، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەر (ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يەسلىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي ئوقۇش باشلىدى، مەكتەپكە كەلگەن ئوقۇغۇچى 86 مىڭ، ئىش ئورنىغا كەلگەن ئوقۇتقۇچى 15 مىڭ بولدى.

ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تۇرۇشقا ئەۋەتكەن مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىرلىكتە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇش باشلاش تەييارلىق خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلىدى؛ ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن، ھەرقايسى مەكتەپلەر مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، ئوقۇش باشلانغاندىكى تۇنجى دەرسنى ياخشى ئۆتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش