دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 300دىن ئارتۇق كارخانا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-08-14 12:18:27

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە قانات يايدۇرۇلىدىغان مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەخسۇس مەيدانى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىگە جىددىي تەييارلىق قىلىنىۋېتىپتۇ. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار 300دىن ئارتۇق كارخانا تىزىمغا ئالدۇرغان ھەم دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولۇپ، يەنە مەملىكەت بويىچە 100دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى سېتىۋېلىش كارخانىلىرى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» باش تېما قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ بىر تۈركۈم ماركىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىنىپ، كۆرگەزمە قىلىنىپ ۋە تونۇشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ «يېشىل، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، مەززىلىك، ساغلام» ماركا ئوبرازى يارىتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى ئالاقىدار خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى رەتلىك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتقان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سودا مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپ ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىنى لايىھەلەپ قۇرۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭغا يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىنى نۇقتىلىق نامايان قىلىدىكەن ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرىدىغان بىر قىسىم ئەلا سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىدىكەن، كۆرگەزمە قىلىپ ساتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە بىڭتۇەننى ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمە رايونى قۇرۇشقا تەشكىللەيدىكەن، يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كارخانىلار ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەيدىكەن.

  بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەخسۇس مەيدان پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. «كارخانىمىز بۇ قېتىمقى مەخسۇس مەيدان پائالىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنى شىركىتىمىزگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، چىگىتتىن قويۇلدۇرۇلغان ئاقسىل قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرىدۇ ھەم ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشىدۇ» دېدى شىنجاڭ تەيكۈن گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى ۋاڭ مىڭلياڭ.

  نۆۋەتتە، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان كارخانىلار ئىچىدە، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى دۆلەت دەرىجىلىك باشلامچى كارخانىدىن ئونى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باشلامچى كارخانىدىن 92سى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك باشلامچى كارخانىدىن 90ى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش