دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

قىزىل بايراقنى جەۋلان قىلدۇرۇش ئەڭ رومانتىك كۆڭۈل ئىزھار قىلىش
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-01-27 13:26:13

□ جاڭ بېي

قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ، ئارغىماقلار چېپىشتى؛ پايانسىز قارلىق دالا چوڭقۇر مۇھەببەتكە چۆمدى، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى − 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، «شىنجاڭلىق چارۋىچىلار ئات مىنىپ دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، قىشلىق ئولىمپىك ئەزىمەتلىرىنى جەڭگە ئاتلىنىشقا ئۇزىتىپ قويدى» ناملىق بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشى تېزلىكتە ھەرقايسى چوڭ تور سۇپىلىرىنىڭ قىزغىن ئىزدەپ كۆرۈش تىزىملىكىگە كىردى. بۇ قىسقىغىنا 25 سېكۇنتلۇق سىن كۆرۈنۈشىنى تورداشلار «غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتتى» دەپ يۇقىرى باھا بەردى، تېخىمۇ مۇھىمى سانسىزلىغان جۇڭگولۇق بىپايان تەبىئەتتىكى يالقۇنلىغان ئاشۇ قىزىللىقتىن تېخىمۇ ھاياجانلاندى.

بىز نېمە ئۈچۈن «دۆلەت بايرىقى كۆرۈنگەن ئاشۇ دەقىقىدە ھاياجانلاندۇق؟» چۈنكى بىز سەمىمىي شىنجاڭلىق چارۋىچىلارنىڭ قىشلىق ئولىمپىك ئەزىمەتلىرىگە بولغان ئەڭ سەمىمىي تىلىكىنى ھېس قىلدۇق، تېخىمۇ مۇھىمى ۋەتەنگە بولغان بۇ ئەڭ رومانتىك كۆڭۈل ئىزھارى بىزدە ئورتاق سادا پەيدا قىلدى.

سىن كۆرۈنۈشىدە خاتىرىلەنگىنى جۇڭگو دالىدا قار تېيىلىش كوماندىسى شىنجاڭ ئارشاڭ ناھىيەسىدە مەشىقنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت چارۋىچىلار ئۆزلۈكىدىن ئاتلىق ئەترەت تەشكىللەپ ئۇزىتىپ قويغان كۆرۈنۈش ئىدى. ئات تۇياقلىرى ئاستىدا ئاپئاق قارلار چاچراپ، شىمال شامىلىدا قىزىل بايراق خۇددى رەسىمگە ئوخشايتتى. كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ كۆرۈنۈشتىن بىز خۇددى ئاشۇ چارۋىچى قېرىنداشلارنىڭ ئىپتىخارلىنىش، پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇق: ئۇلار قىشلىق ئولىمپىك ئەزىمەتلىرىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ، ئۇلار ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدىن پەخىرلىنىدۇ! ئەزىمەتلەر ۋەتىنىمىزگە ۋاكالىتەن مۇسابىقە مەيدانىغا قەدەم قويىدۇ، شۇڭا ئۇلار چوقۇم ئەڭ گۈزەل بايراقنى كۆتۈرۈپ، ئەڭ ياخشى ئاتنى تاللاپ، يۈكسەك قائىدە - يوسۇن بىلەن ئەزىمەتلەرنىڭ مۇسابىقىدە باشتىلا غەلىبە قازىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ. بۇ پەيتتە، بىزنىڭ شۇنىڭغا ئىشىنىشكە ئاساسىمىز باركى، ئۇزاق ئۆتمەي، شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانىدا تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ.

شىنجاڭلىق چارۋىچىلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ بۇنداق رومانتىك شەكىلدە ئىپادىلىنىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. دۆلەت بايرىقىدىكى قىزىل ئەزەلدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ يۈكسەك رەڭ، سانسىزلىغان كىشى ئالدىنقىلار يىقىلسا، كېيىنكىلەر ئىزىنى بېسىپ، ھاياتى ئارقىلىق قوغداشنى خالايدىغان بۇ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق چۆچەكتە سالىقجان ئىمىن بوۋاينىڭ ھويلىسىدا لەپىلدىمەكتە، غۇلجىلىق يىگىت ئۆركەش كىبىر شىئەندىكى يۇقۇمغا قارشى تېببىي خادىملاردىن ھال سورىغان مېھىر - شەپقەت ماددىي ئەشياسىغا چاپلانماقتا، پارتىيە ئەزاسى ئىزنىكىنى كۆرسەتكەن تاغا ئابدۇجاپپار مېڭدىنىڭ ئارزۇسىدا كۆتۈرۈلمەكتە، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەر مىللەت تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبىدە مۇستەھكەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلغان جاي دەل ئائىلە دۆلەت، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆرسەتكەن يۆنىلىش دەل قەلب يۆنىلىشىدۇر.

ۋەتەننى سۆيۈش ئەزەلدىن ئابستراكت ئەمەس، ئۇ مول ھېسسىيات ۋە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دەۋرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەلەپلىرى بار. شىنجاڭلىق چارۋىچىلارنىڭ بۇ بۆلەك سىن كۆرۈنۈشى ئېكراننى قاپلىغان، دوستلار چەمبىرىكىنى قاپلىغان ۋاقىت دەل ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن» ئېچىلىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ۋەكىل، ئەزالار بىر يەرگە جەم بولۇپ، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى. ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى بۇ ئەڭ گۈزەل قىزىل رەڭ مەيلى توردا ياكى تور سىرتىدا بولسۇن بىردەك چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەيدۇ ھەم ئۇنى يېڭى مۇساپىدىكى كۆتۈرەڭگۈ بولغان ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ۋەتەننىڭ شىنجاڭىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بەرمەكتە.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش