دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 - يىغىن ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەمەت
مەنبە:تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-01-27 13:24:30

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن 3 - يىغىن ئۆتكۈزدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ما شىڭرۇي، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، لى شۆجۈن، سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، سو يۆ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا، يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ پىلان لايىھەسى، خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى، پىلان، خامچوت توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ تۈرلۈك ئىستېپا بېرىش تىزىملىكى ۋە سايلام، ئاۋازغا قويۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىستېپا قوبۇل قىلىدىغان تۈرلۈك قارار لايىھەلىرىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش، ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى؛ يىغىندا ۋەكىللەر بىرلىشىپ نامزات كۆرسىتىشنىڭ توختاش ۋاقتى 2022 - يىلى 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 12 گىچە بولۇش قارار قىلىندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش