دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

​يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، يېڭى تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-11-30 19:52:53

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، يېڭى تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى   نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي قاتناشتى   خې جۇڭيوۋ سۆز قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى، يۈزبەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى بىر يۈرۈش مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، يېتەكچى ئىدىيە، ئىستراتېگىيەلىك نىشان، نۇقتىلىق ۋەزىپە، سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، يېڭى تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، ياخشى ئىشلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، يېڭى تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرىنچىدىن، سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىختىساسلىقلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، مائارىپ، داۋالاش، مىللەت، دىن، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى قاتارلىق ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتلارغا يەنىمۇ ھوقۇق بېرىپ، ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۆتكىلىشكە يېتەكلەپ، ئىختىساسلىقلار يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە يېتىشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئېففېكتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى ۋە ئىختىساسلىقلارنى توپلاش فۇنكسىيەسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئۈزلۈكسىز تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىي بولغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ ئىختىساسلىقلارنى، ئاقىللارنى يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى تونۇش، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش مۇھىتى يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان سۇپا ھازىرلاپ بېرىپ، ئىشەنچنى ئاساس قىلغان ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلتىماس - تەلەپ ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى چىن ھېسسىيات بىلەن ھەل قىلىپ، ھەقىقىي ئىقتىدارلىق، ئەمەلىي بىلىمى بار ئىختىساسلىقلارنى قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئورۇنغا ئىگە قىلىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىدىغان ۋە توپلايدىغان سۇپىنى كۈچەپ قۇرۇپ، مۇھىم، زور ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، كۆڭۈل بۆلۈش، رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، زىيالىيلار خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، رەھبىرىي كادىرلار زىيالىيلار بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى قەلبىگە چوڭقۇر پۈكۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، دەۋر يۈكلىگەن بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. توققۇزىنچىدىن، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى» ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئونىنچىدىن، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، كۆلەملەشكەن، كەڭ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىختىساسلىقلار جەھەتتە يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشى، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تەشكىلات تارماقلىرى باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتىدىغان، فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولۇپ زىچ ماسلىشىدىغان، جەمئىيەتتىكى كۈچلەر كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات تارماقلىرى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بىخەتەرلىك، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مەدەنىيەت - ساياھەت، دۆلەت مۈلكى، پۇل مۇئامىلە، تاشقى ئىشلار قاتارلىق تارماقلىرى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ياخشى تۇتۇشى كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمى ۋە سېلىنما كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى، يېڭى تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلى بىلەن، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

خې جۇڭيوۋ خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ھەقىقىي تۈردە ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئاچقۇچنى تۇتۇپ، باشقا ھالقىلارغا تۈرتكە بولۇپ، يېتەكلەش خاراكتېرىگە، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرىگە ئىگە مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان سۇپا بەرپا قىلىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان، كەمچىل بولۇۋاتقان يۇقىرى قاتلاملىق باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ ھەم ئۇلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، جانلىق ئىشلىتىپ، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىش مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا يۆتكىلىشكە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىگە مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەر، ئىختىساسلىقلار ۋە پەن تەتقىقات يۇرتى - ئورۇنلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، كارخانىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلباھار مەمەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش