دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

تۇرپاندا قۇرۇق ئۈزۈمگە «ھۆسن قوشقۇچى» بار
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-11-30 19:46:28

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

«بىزنىڭ بۇ يىللىق يېڭى قۇرۇق ئۈزۈملىرىمىز بازارغا سېلىنىپ بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن ئاشىدۇ» دېدى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ۋاڭ يۇڭشۈ ھاياجانلانغان ھالدا مۇخبىرغا. ئۇ تۇرپان سىلۇ مىڭجۇ يېزا ئىگىلىك بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، شىركەتنىڭ بۇلتۇرقى قۇرۇق ئۈزۈم سېتىش سوممىسى 80 مىليون يۈەنگە يەتتى.

2011 - يىلى، ۋاڭ يۇڭشۈ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، تۇرپاندىكى بىر چوڭ كارخانىغا كېلىپ تېخنىك خادىم بولدى. ئۇنىڭ يۇرتى گەنسۇ جاڭيېدىن بولۇپ، تۇرپاننىڭ مېۋە - چېۋىلىرىنى ياقتۇرۇپ قالدى، «بۇ جاينىڭ ئۈزۈمى ۋە قوغۇنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ ياخشى».

2016 - يىلى، ۋاڭ يۇڭشۈ ئىستېپا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەپ، دوستى بىلەن سودا شىركىتى قۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق تۇرپاننىڭ مېۋە - چېۋىلىرى ۋە قۇرۇق ئۈزۈمىنى ساتتى، لېكىن نەتىجىسى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.

«قۇرۇق ئۈزۈملەرنىڭ ھەممىسىنى مەن بازارغا بېرىپ يىغىپ كېلەتتىم، ئىنچىكە پىششىقلانمىغاچقا، كۆرۈنۈشى، سۈپىتى تەلەپكە ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى، نەرسە ياخشى بولسىمۇ پەقەت يايما باھاسىدىلا ساتقىلى بولاتتى.» ۋاڭ يۇڭشۈ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى مەزگىلدە گەرچە پۇل تاپالمىغان بولساممۇ، لېكىن بىر قىسىم خېرىدارلارنى توپلىۋالدىم، بازار ئەھۋالىنى ئېنىقلىۋالدىم، كۆڭلۈمدە سان بار بولدى.

ئىككى يىلدىن كېيىن ۋاڭ يۇڭشۈ سودىنى ئەمەلىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلىپ، 2 - قېتىم ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىدى.

بۇ قېتىم، ئۇنىڭ نىشانى ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، پەقەت قۇرۇق ئۈزۈم سېتىشلا ئىدى. «تۇرپان ئۈزۈمى پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق، بازارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. پەقەت قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى ياخشى كونترول قىلساقلا، بازاردا چاتاق يوق» دېدى ۋاڭ يۇڭشۈ.

شۇ چاغدا، ئەنئەنىۋى پىششىقلاش شەكلى قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ بازار قىممىتىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەيدىغان بوغما ھالەت بولۇپ قالغانىدى. ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت ئارقىلىق يۇيۇپ تازىلىغاندا، ئەسلىدىكى يېشىل قاشتېشىدەك ئاق كىشمىشنىڭ رەڭگى ھەم تۇتۇق، ھەم قارامتۇل بولۇپ ئۆزگىرىپ، «كۆركەم»لىكى تۆۋەنلەپ كېتەتتى؛ ئۇنىڭدىن قالسا، ھۈنەر - سەنئەت يىرىك بولغانلىقتىن، قۇرۇق ئۈزۈم ئاسانلا «زەخىمگە ئۇچراپ»، شېكەر تەركىبى ئېقىپ كېتىپ، تەمىگە تەسىر يېتەتتى.

ۋاڭ يۇڭشۈ بىر پەن تەتقىقات ئورنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قۇرۇق ئۈزۈمنى يۇيۇش - قۇرۇتۇش قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى. پۈتكۈل يۇيۇش - قۇرۇتۇش جەريانى ئاپتوماتىك بولۇپ، ۋاقىتنى تېجىدى، كۈچنى تېجىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ كۆركەملىكى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ شىركەت تۆت تۈرلۈك تېخنىكا پاتېنتىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى.

ئازادە، پاكىز زاۋۇت ئۆيىدە، ۋاڭ يۇڭشۈ ئەينەكتەك پارقىراپ تۇرغان بىر ماشىنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ ماشىنا قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ رېنتىگېن ئاپپاراتى ھېسابلىنىدۇ، قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ ئۈستىگە يېپىشىپ قالغان كىچىك قۇم دانچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى تازىلاپ چىقىرىۋېتەلەيدۇ. بىر تال قۇرۇق ئۈزۈمنىڭ قۇرۇتۇش ئۆيىدىن چىقىرىلىپ، بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىش ئۆلچىمىگە يېتىشىگىچە، بىزنىڭ بۇ يەردە 20 ئىش تەرتىپىدىن ئۆتىدۇ.» نۆۋەتتە، ۋاڭ يۇڭشۈنىڭ شىركىتى تۇرپاندىكى يېشىل قۇرۇق ئۈزۈم يۇيۇش - قۇرۇتۇش بويىچە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ئەمەلىي قوللىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئايلاندى.

كۆركەم ۋە سۈپىتى ياخشى بولغان قۇرۇق ئۈزۈملەر بازاردا قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى. نۆۋەتتە، شىركەتنىڭ خېرىدارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى داڭلىق يېمەكلىك كارخانىلىرى ۋە زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىدۇر. «تۇرپان قۇرۇق ئۈزۈمى ساپ يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك بولۇپ، ئىنچىكە پىششىقلاشتىن كېيىن، قوشۇلما قىممىتى ئېشىپ، باھاسى %20 ئۆستى، يەنە سېتىش يوللىرىدىن غەم قىلمايمىز».

ۋاڭ يۇڭشۈ شىركەتنى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدە قۇرغان بولۇپ، كەنتتىكى ھەم ئەتراپتىكى 100دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى بىلەن ھەمكارلاشتى، ئۇ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ تېخىمۇ تۈجۈپىلىك شەكىلدە ئۈزۈم قۇرۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىركەتتە 40 نەچچە خىزمەتچى بولۇپ، كۆپىنچىسى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى. قۇرۇق ئۈزۈمنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاۋات پەسلى 9 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 2 - ئايغىچە بولغان ۋاقىتقا مەركەزلەشكەن، بۇ، ئاساسەن دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشلەپ، بىر ئايدا 4000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تاپالايدۇ.

«ھازىر، شىركەتنىڭ ئون نەچچە خىل قۇرۇق ئۈزۈم مەھسۇلاتى بار، <يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت> <لياڭفاڭ رېنجيا> قاتارلىق ماركىلارنى رويخەتكە ئالدۇردۇق. ئىشىنىمەنكى، ماركىلارنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، سېتىلىش مىقدارى پۇختا قەدەمدە ئاشىدۇ، يەنە تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» دېدى ۋاڭ يۇڭشۈ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:گۈلباھار مەمەت
تەكشۈرگۈچى:جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش