دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ كارتىنىسى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-10-05 11:18:13

− «شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق ئىنكاس قوزغىدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى يېقىندا «شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاق تاشلىق كىتاب جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلغانلىقىدەك شانلىق مۇساپىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتاب تەپسىلىي ۋە ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتلار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مائارىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەمئىيەت ئىشلىرى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىشىنى تولۇق نامايان قىلدى.

شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدى

ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، 1949 - يىلى، شىنجاڭدا ئاران بىر داشۆ، توققۇز ئوتتۇرا مەكتەپ، 1355 باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىكەن. 70 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنجاڭدا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدىن ئالىي مائارىپقىچە بولغان تولۇق مائارىپ سىستېمىسى شەكىللەنگەن. 2020 - يىلىغا كەلگەندە، ھەممە كەنتتە يەسلى قۇرۇلغان، 3641 باشلانغۇچ مەكتەپ، 1211 ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، 147 ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ (تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، 56 ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، ئالتە چوڭلار ئالىي مەكتىپى قۇرۇلغان.

خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى مەمەتجان مەتنىياز مۇنداق دېدى: «ھازىر خوتەننىڭ مائارىپ ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلماقتا. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99تىن كۆپرەككە يەتتى. بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر سىزىقىدىن ئېشىش نىسبىتى %95كە يەتتى، بۇ، بۇلتۇرقىدىن 11 پىرسەنت پوئېنتقا يېقىن يۇقىرى بولۇپ، تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. بىز مائارىپنى داۋاملىق ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز».

«مېنىڭ قانۇنشۇناسلىق دوكتورى، ئالىي ئىقتىسادچى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلەلىشىم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.» شىنجاڭ ماركا ئىقتىسادى تەتقىقات يۇرتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: «مەن ۋە كوللېكتىپىمىز شىنجاڭنىڭ ماركىسىنى كېڭەيتىش جەريانىدا، ھەرقايسى ساھەلەردە بارغانسېرى يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، يۇقىرى ساپالىق ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلماقتا».

شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى

«شىنجاڭنىڭ نوپۇس تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، شەھەر - يېزىلارنىڭ داۋالاش ئەسلىھەلىرى شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئامما ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى، نوپۇسنىڭ ساغلاملىق ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى.» ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ليۇ جيەنگو مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، شىنجاڭنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت تورى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى (ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى) كادىرلار 2 - كېسەللىك بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، چىرا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ۋاڭ چاۋجۈ مۇنداق دېدى: 3 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىغا تايىنىپ، چىرا ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى 2 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا يەتتى، قارىمىقىدىكى يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلار 1 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىغا يېتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى يىراق بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، كىچىك كېسەللەرنى يېزىدىن چىقارماسلىق، چوڭ كېسەللەرنى ناھىيەدىن چىقارماسلىقنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنى كېسىلىمنى كۆرسىتەلەيدىغان، داۋالىتالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلدى.» خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى پارچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەتتوختى ھەسەننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا يېتىپ داۋالانغان، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن باشقا، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقاچقا، 20 مىڭ يۈەنلىك داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرغاندىن كېيىن، پەقەت 1000 يۈەندىن كۆپرەكلا پۇل تۆلىگەن.

ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» خالىغانچە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان - ياۋىداق سۆز

«چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر <مەجبۇرىي> دېگەن يالغان - ياۋىداق سۆزنى خالىغانچە ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئەمەلىيەتتە، شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى پائال ئىجرا قىلىپ، ئەمگەك كاپالىتىگە ئائىت قانۇن - نىزاملارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەمگەك قىلىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ما جاۋفېڭ مۇنداق دېدى: چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» قاتارلىق بىمەنە سەپسەتىلەرنى ھە دەپ ئويدۇرۇپ چىقاردى، بۇنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىنى ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق كۈچ توسۇيالمايدۇ!

«پارتىيەنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى سىياسىتى مېنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.» ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بۆرىتوقاي يېزىسى ئاقىچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاشاگۈل كېرەمنىڭ ئېيتىشىچە، 15 يىل ئىلگىرى، ئۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە بېرىپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئائىلىسى ناھايىتى تېزلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپتۇ.

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرى لەڭگەر كەنتىدە، 320دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. روزى غېنى ۋە خوتۇنى خەيرىگۈل سىدىق ئوخشاشلا ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىدىكى بىر كارخانىدا ئىشلەيدۇ، ئىككىيلەننىڭ كىرىمىنى قوشقاندا ھەر ئايدا 7000 - 6000 يۈەنگە يېتىدۇ. روزىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىرنەچچە يىلدا، كەنتتىكى ئۇلارغا ئوخشاش ياشلار ھەقسىز ماھارەت تەربىيەسىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى كۆپەيگەن، كىرىمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقى كېڭەيگەن، «ئىشىكىمىز ئالدىدىلا ئىشلەپ، خىزمەت بىلەن ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، ھەر ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمىدۇق. ھازىر ئۆيىمىز ئازادە، كىرىمىمىز ئاشتى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز».

(مۇخبىر يۈ شى، قاتناشقان مۇخبىرلار خەن چىنيەن، رېن خۇا، سۇ لۇپىڭ، سۇڭ ۋېيگو، جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلھايات ئابدۇرېشىت)

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش