دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى ۋە نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-08-02 16:33:01

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى قازاقىستانغا قارىتىلغان مەخسۇس مەيدان سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچى ۋە نۇرسۇلتاندا ئۆتكۈزۈلدى، ئىككى جايدىكى جەمئىيەت ھەر ساھە زاتلىرى سىن ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولدى.

بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى شۆجۈن، نۇرۇم ئىسمايىلقان، جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى ۋە نۇرسۇلتاندا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ھازىرقى مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان سۆزلىرىگە قەتئىي رەددىيە بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، بەزى دۆلەتلەر، بەزى كۈچلەر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان، پۇقرالار خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، ۋاسىتە تاللىماي شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىغا قارا چاپلاشقا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستى مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ. تىنچىلىقنى سۆيىدىغان ھەر ساھەدىكى زاتلار شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆز، پىتنە - ئىغۋالارنى ئورتاق توسۇشى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ كۆزىنى يوغان ئېچىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار خىلمۇخىل يالغان - ياۋىداق سۆز، پىتنە - ئىغۋالارغا ئالدىنىپ قالماسلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن قايمۇقۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغىنىغا تامامەن ئوخشاشمايدىغان شىنجاڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمەن.

جۇڭگونىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ شياۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ھەرمىللەت خەلق بەختلىك ۋە خۇشال - خۇرام ھالدا يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، تېخىمۇ پارلاق، گۈزەل كېلەچەكنى كۈتۈۋالماقتا. بىراق بەزىلەر قەستەن شىنجاڭنىڭ ياخشى بولۇشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، جۇڭگونىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى خالىمىدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى دۆلەتلەر قىلچە ئاساسى يوق ۋە تۆۋەن چېكى يوق ھالدا «ئىرقىي يوقىتىش» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» «مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش» قاتارلىق كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى پەيدا قىلىپ، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت خەلقى ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا قارىتا كەلسە - كەلمەس بىلجىرلاپ، يولسىزلىق بىلەن ئارىلاشتى. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە! ئەپلەپ - سەپلەپ خالىغانچە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان پىتنە - ئىغۋالار مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭ خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، يامان نىيەتتە ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا چوڭقۇر ئىشەنچى ۋە ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان دوستلۇقىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى ھەرقانداق بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، تېخىمۇ كەڭ داغدام يولغا قاراپ قەدەم تاشلايدۇ.

يىغىندا، قازاقىستانلىق مېھمانلار تور ئارقىلىق شىنجاڭ تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. قازاقىستان ئاستانە خەلقئارا ئىلىم ئاپپاراتى جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى كوژولوۋا سۋتلانا ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى تەتقىقاتى ئارقىلىق، ھازىرقى شىنجاڭ زامانىۋىلاشقان، جەمئىيەت، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلغان شىنجاڭ ئىكەن، دەپ قارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمەپتۇ، بۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەت، رايونلارنىڭ خەۋپسىزلىكىگە نىسبەتەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز ھەقىقىي، ئىشەنچلىك بولغان ئۇچۇر مەنبەسى ئارقىلىق شىنجاڭ رايونىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەينەن ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق غەرب تەرەپنىڭ خەۋەرلىرىدە دائىم ئۇچرايدىغان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇچۇرلارغا رەددىيە بېرىشىمىز كېرەك.

قازاقىستاننىڭ جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقاتى مۇتەخەسسىسى ئانتون بۇگايانكو ئۆز كۆز قارىشىنى جۇڭگو تىلىدا راۋان ئىپادىلىدى. ئۇ سودا، قاتناش، مەدەنىيەت، خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت تۆت تەرەپتىن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە تەسىرىنى شەرھلەپ بايان قىلدى.

پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق تەشۋىقات فىلىمى قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلنار ئوبۇل پاكىت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىگە قارا چاپلىغان سايراگۈل ساۋۇتباي، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ھەقىقىي ئەپت - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدى. شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن ئامما ھەقىقىي مىساللار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مىللىي تېبابەتچىلىك - دورىگەرلىك، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مىللىي مۇزىكا مەدەنىيىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، بىر قىسىم غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى.

قازاقىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، مائارىپ ۋە پەن - تېخنىكا مىنستىرلىقى، ئالىي مەكتەپلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەم تاراتقۇلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش