دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسىتى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-08-02 16:31:30

□كورلا شەھىرى قوشئېرىق يېزىسىدىكى پاختىكار    توختى كېرەم

ئالدىنقى مەزگىلدە، H&M قاتارلىق بەزى چەت ئەل كارخانىلىرى شىنجاڭغا قارا چاپلاپ، شىنجاڭ پاختىچىلىقىدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ بوھتان چاپلىدى. مەن بۇ پىتنە - ئىغىۋالارنى ئاڭلاپ تولىمۇ كۈلكىلىك ھېس قىلدىم، بۇ، پۈتۈنلەي ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلىغانلىق.

ھەقىقىي دېھقان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نىڭ بارلىقىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىدىم، كۆرۈپمۇ باقمىدىم. يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، بىز پاختىكارلارنىڭ كېۋەز تېرىشى بارغانسېرى ئاسانلاشتى. مۇشۇ يىللاردا، بىز چوڭ ئات كۈچىگە ئىگە تىراكتور بىلەن يەر ئاغدۇردۇق، سېيالكا بىلەن تېرىدۇق، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن دېھقانچىلىق دورىسى چاچتۇق، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى بىلەن پاختىلارنى يىغدۇق. پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانى ماشىنا بىلەن تاماملىنىدۇ، سۈرئەت تېز، ئۈنۈم يۇقىرى بولغاچقا، ئەمگەك ۋاقتى ۋە ئەمگەك تەننەرخى تېجىلىپ، پاختىكارلارغا ھەقىقىي پايدا ئېلىپ كەلدى.

ئائىلىمىزنىڭ ھازىر 210 مو يېرى بار، ھەممىسىگە كېۋەز تېرىيمىز. بۇلتۇر ئائىلىمىز كېۋەز تېرىپ 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلدۇق. كېۋەز تېرىش ئارقىلىق، مەن پۇل يىغىپ، 140 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي سالدىم، بىر پىكاپ سېتىۋالدىم، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

ئاپئاق پاختا بىز پاختىكارلارغا بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى. ئاشۇ چەت ئەل كارخانىلىرى زەھەرخەندىلەرچە يالغان - ياۋىداق سۆزلەر بىلەن شىنجاڭغا قارا چاپلىدى، ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ!


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش