دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 129 - قېتىملىق دائىمىي يىغى
مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-07-21 22:04:11

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 129 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»نى تۈزۈش، شەھەر يەر ئاستى شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دورا بىخەتەرلىكى بويىچە <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى»نى تۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش تۈرلۈك تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەنىڭ خەۋپىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، تۇيۇقسىز ۋەقەلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاپەت ۋە زىياننى ئازايتىش كېرەك. بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش بويىچە مەمۇرىي رەھبەر مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تېز ئىنكاس قايتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچى سىستېمىسى ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش زامانىۋىلاشقان ماددىي ئەشيا كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىلمىيلىشىش، كەسپىيلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شەھەرلەرنىڭ بىخەتەرلىك سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە. ئەسلىھەلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، سانى ئېنىق بولۇش، ئەھۋالى ئېنىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى بوشلۇقى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماسلىشىش، بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە خەتەردىن قۇتقۇزۇشنى تېز تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. ئەسلىھە بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، كونا ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دورا بىخەتەرلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى ۋە ئاممىۋى بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك، دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، تەكشۈرۈپ باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ كۆزىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دورا سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن دورا ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دورا بىخەتەرلىكى بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاقىل نازارەت قىلىش، باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دورا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش