دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

ئۈرۈمچىدە يەنە ئۈچ تەنتەربىيە باغچىسى كۆپەيتىلىدۇ، تېز كېلىپ كۆرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭ ئۆيىڭىزنىڭ ئەتراپىدىمىكەن
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-05-15 16:30:44

  مۆلچەرلىنىشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچىدە يەنە ئۈچ تەنتەربىيە باغچىسى كۆپەيتىلىدىكەن، ئۇلار: ئۈرۈمچى تىيانشان باغچىسى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي باغچىسى ۋە ئۈرۈمچى نەنخۇ مەيدانى ئىكەن. ئۈرۈمچى لىيۈشەن باغچىسىدا تەنتەربىيە باغچىسى قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتقان بولۇپ، كېيىن بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.

    5-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى جەنۇبىي باغچىسىدا ئۆي سىرتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق چېنىقىش سايمانلىرىنى قۇراشتۇرۇش خىزمىتى تاماملانغان، پەي توپ، تىكتاك توپ مەيدانى قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئىشلىنىۋېتىپتۇ؛ ئۈرۈمچى تىيانشان باغچىسىنىڭ چېنىقىش رايونى قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىمۇ ئاخىرلىشاي دەپ قالغان. نەنخۇ مەيدانىدا، چېنىقىش پىيادىلەر يولى ياسىلىۋېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋاسكىتبول مەيدانى ۋە تىكتاك توپ مەيدانى قۇرۇلۇشى قىلىنىۋېتىپتۇ. بۇ ئۈچ تەنتەربىيە باغچىسى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

    ئۈرۈمچى لىيۈشەن باغچىسىنى تەنتەربىيە باغچىسىغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى تەنتەربىيە باغچىسىنىڭ سانى بەشتىن توققۇزغا كۆپىيىدىكەن. ھازىر بار بولغان بەش تەنتەربىيە باغچىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە باغچىسى، تىيانشان رايونى يەنئەن باغچىسى، سۈيچۈەن باغچىسى، قەشقەر شەرقىي يولى دۇخاۋ تەنتەربىيە باش تېما باغچىسى، مىدۇڭ رايونى خەلق باغچىسى.

    شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 12 تەنتەربىيە مەيدان-ساراينى داۋاملىق ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق ئېلىپ ئېچىۋېتىدىكەن.

    بۇنىڭ ئىچىدە: ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيى ۋە تەنتەربىيە سارىيى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشتىن سىرتقى تەنتەربىيە مەكتىپى تەنتەربىيە سارىيى، خۇڭسەن تەنتەربىيە مەركىزى تەنتەربىيە مەيدانى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزى، داۋانچىڭ رايونى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزى، تىيانشان رايونى يۈنۋېن تەنتەربىيە پەي توپ سارىيى، سايباغ رايونى خۇاۋۇ مەدەنىيەت چامباشچىلىق كۇلۇبى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىنجاڭ لىكې يوۋيوۋ تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (5445 تەنھەرىكەت مەيدانى)، شىمىگو رايونى تەنتەربىيە مەيدانى، مىدۇڭ رايونى نېفىت خىمىيە ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيى بار ئىكەن. تۆۋەن ھەق ئالىدىغان ياكى ھەقسىز مەيدان-سارايلاردا ھەر ھەپتىدە ئېتىبار بېرىش ۋاقتى 20 سائەتتىن كەم بولمايدىكەن. ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق ئېلىپ ئېچىۋېتىش خىزمىتى 40 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق خەلققە نەپ يەتكۈزگەن.

    بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 300دىن ئارتۇق مەھەللە (كەنت)دە چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى داۋاملىق كۆپەيتىلىدىكەن. بۇ، ئۆي سىرتىدىكى چېنىقىش يولى، چوڭلار ۋاسكېتبول جازىسى، تىكتاك توپ ئۈستىلى، بالىلار ئۇنىۋېرسال چېنىقىش سايمانلىرى، كىچىك ۋاسكېتبول جازىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچىلاردىكى جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى ناتونۇش ئەمەس، ئۇلار شەھەر ئاھالىلىرىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ. جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتى ئىزچىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتى بولۇپ كەلدى.

    ئىگىلىنىشىچە، ھەربىر تەنتەربىيە ھەرىكىتى ئۈچۈن، ھەربىر رايونلۇق، ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن تەنتەربىيە يېتەكچىلىرىنى تەربىيەلىگەن، نۆۋەتتە تەربىيەلەش خىزمىتى قەرەلسىز ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ، قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىۋېتىپتۇ.

(مۇخبىر چېن يەنفاڭ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش