دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

دۇنيا فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندە يەنە جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورى ۋاقتى:2023-03-26 10:29:13

  جۇڭگو فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش تەنھەرىكەتچىسى خەن سۇڭنىڭ ۋېيبودىكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 2024 — 2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلى خەلقئارا مۇز تېيىلىش ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندە يەنە جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولغان.

     خەۋەر تەپسىلاتى

   2024 — 2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلى خەلقئارا مۇز تېيىلىش ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيا فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

   خەلقئارا مۇز تېيىلىش ئىتتىپاقى ھۆكۈمەت تورىدا 3-ئاينىڭ 21-كۈنى 2024 — 2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلى دۇنيا فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاينىڭ يېڭىلىنىپ، كېيىنكى پەسىللىك خەلقئارا مۇز تېيىلىش ئىتتىپاقى دۇنيا فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ بۇ يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

   ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ياشلار گۇرۇپپىسى ۋە چوڭلار گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر قېتىمقى مۇسابىقە پەسلىدە دۇنيا فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىنىڭ ياشلار، چوڭلار يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىدە ئىپادىسى ئەلا بولغان ماھىرلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ مۇسابىقىلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.

  2024 — 2023-يىللىق مۇسابىقە پەسلى دۇنيا فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسىدە جەمئىي ئالتە بېكەت تارماق بېكەت مۇسابىقىسى ۋە بىر بېكەت ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بار، مۇكاپاتلىق مۇسابىقىنىڭ تۇنجى بېكىتى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە ئامېرىكىدا باشلىنىدۇ، ئارقىدىن كانادا بېكىتى، فىرانسىيە بېكىتى، جۇڭگو لوڭقىسى مۇسابىقىسى، فىنلاندىيە بېكىتى ۋە ياپونىيە بېكىتى بولىدۇ. جۇڭگو لوڭقىسى مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە چۇڭچىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش