دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

بېيجىڭ گوئەن كوماندىسىنى شاللىۋەتكەن ناھىيەلىك توپ كوماندىسىدا شىنجاڭلىق توققۇز يىگىت بار
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-11-22 12:11:26

بۇ كۈتۈلمىگەن نەتىجىدە بىزنىڭ شىنجاڭلىق ئوغلانلارنىڭ تۆھپىسى بار. سۈرەتنى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى تەمىنلىگەن

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لى دۇ) 11- ئاينىڭ 17- كۈنى، پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 2- ئايلانما شاللاش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن كەلگەن بېيجىڭ گوئەن كوماندىسى نۇقتا توپ مۇسابىقىسىدە، ئىشتىن سىرتقى كوماندا − جۇڭگو چېمپىيۇنلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول كوماندىسى جىڭچۇەن ناھىيەسى ۋېنخۇي پۇتبول كۇلۇبىغا تەڭ كېلەلمەي، شاللىنىپ كەتتى. شىنجاڭدىكى توپ مەستانىلىرى جۇڭگو چېمپىيۇنلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى پۇتبول كوماندىسىدىكى نۇرغۇن توپچىنىڭ يۇرتىدىن كەلگەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدى. 

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىن كەلگەن پۇتبول تەنھەرىكەتچىلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالدى، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى، جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى نۇرغۇن پۇتبول كوماندىسىدا شىنجاڭلىق پۇتبول ماھىرلىرىنىڭ سىيماسى بار. شىنجاڭدىكى ياش بىر ئەۋلاد توپچىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، يەنە نۇرغۇن ياش جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو چېمپىيونلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى كوماندىلىرىغا كىردى. بېيجىڭ گوئەن كوماندىسىنى يەڭگەن بۇ كوماندىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلار سېپىدە، تۆت توپچى شىنجاڭدىن كەلگەن. ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا تۇنجى بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقان 6- نومۇرلۇق شى لېتيەن، 21- نومۇرلۇق سەدىردىن ئەكبەر، 36- نومۇرلۇق ھىلالىدىن ئابدۇغېنى ۋە زاپاس مەيدانغا چىققان 5- نومۇرلۇق توپچى ئېردانا مىراتخان. 

   جىڭچۇەن ناھىيەسى ۋېنخۇي پۇتبول كۇلۇبى تىزىملىكىدە، يەنە 11- نومۇرلۇق لۇتپۇللا تالىپ، زاپاس ۋاراتار 22- نومۇرلۇق مىرشات مەمەتئېلى، 14- نومۇرلۇق ئابدۇراخمان يۈسۈپقادىر، 20- نومۇرلۇق ئەزىمەتجان تۇرسۇن ۋە 99- نومۇرلۇق ئابدۇسالام سىدىق قاتارلىق شىنجاڭلىق بەشەيلەنمۇ بار. 

مۇسابىقىدىن كېيىن بىر قىسىم توپچىلار غەلىبىنى تەبرىكلىمەكتە. سۈرەت دۆربىلجىن ناھىيەلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىن ئېلىنغان

  ئېردانا مىراتخان دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، دۆربىلجىن ناھىيەلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇرات سىلامبېك مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «بۇ بالىنىڭ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى قالتىس ئىپادىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. بۇنىڭدىن كېيىن، بىزمۇ جىڭچۇەن ناھىيەلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىن ئۆگىنىپ، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كۇلۇبىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىمىز.»

شى لېتيەن (ئوڭدىن بىرىنچى) ۋە سەپداشلىرى غەلىبىنى تەبرىكلىمەكتە. سۈرەت سانجى ئوبلاستلىق پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىن ئېلىنغان

   19 ياشلىق شى لېتيەن سانجى شەھىرىدىن كەلگەن. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ خۇا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئۇ بەش- ئالتە يېشىدىلا توپ تېپىشنى باشلىغان، ئۆتكەن ئىككى- ئۈچ يىلدا ئىسپانىيە ياشلار مەشىق سىستېمىسىدا سىستېمىلىق مەشىقنى قوبۇل قىلغان. جۇڭگو چېمپىيونلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى  ياخشى بىر سەھنە، ھازىر ئۇنىڭ مۇقىم مۇسابىقە پۇرسىتى بار ھەم قۇرامىغا يەتكەنلەر بىلەن بىر سەھنىدە مۇسابىقىلىشىدۇ، تېخنىكا ئىقتىدارىنىڭ مۇقىم ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇنىڭ جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى كوماندىلىرىغا بالدۇرراق قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

   جۇڭگونىڭ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقە سىستېمىسى تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ گوئەن كوماندىسى تۇرۇشلۇق جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە، 2- دەرىجىلىك كەسپىي پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى شىنجاڭ تاغ يىلپىزى تۇرۇشلۇق جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى. جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى كەسپىي ۋە ئىشتىن سىرتقى كوماندىلار ئارىسىدا بولىدۇ، جۇڭگو چىمپىيونلۇق پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنى ساپ ئىشتىن سىرتقى كوماندىلار ئوينايدىغان بولۇپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى ئىشتىن سىرتقى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدىكى ئالدىنقى بىر نەچچە كوماندىنىڭ ھەممىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش