دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

مۇسابىقىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاياغلاشتى، 11 ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-09-16 12:35:44

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ لياڭ) 9- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئىككىنچى مۇسابىقە كۈنىدىكى بارلىق مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى. 1- ، 2- ، 3- دەرىجىلىك مۇكاپات شەكىللەنگەن ئالتە مۇسابىقە چوڭ تۈرى ئىچىدە، 10 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ 11 تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، پەنجىپ ساھىبخانا كوماندا ئۈچۈن بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

13- چېسلا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر چەۋەندازلىقى، ئىلەڭگۈچ، مىللىيچە چېلىشىش ۋە مىللەتلەر چامباشچىلىقىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مۇسابىقە تۈرى ئىچىدە، جەمئىي ئالتە ۋەكىللەر ئۆمىكى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ساھىبخانا بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن پەنجىپ باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىنكى تۇنجى مۇسابىقە − مىللەتلەر ئات بەيگىسى مۇسابىقىسىنىڭ 2000 مېتىرلىق بەيگىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىلەڭگۈچ مۇسابىقىسى مەيدانىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ما شىنيى 55 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە يالغۇز كىشىلىك قوڭغۇراققا تېگىش مۇسابىقىسىدە، 17 قېتىم قوڭغۇراققا تېگىش ئارقىلىق خېلىلا ئالدىدا تۇرۇپ، ئىلەڭگۈچ تۈرىدىكى تۇنجى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتنى ئالدى؛ 55 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بويىچە يالغۇز كىشىلىك قوڭغۇراققا تېگىش مۇسابىقىسىدە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن كەلگەن، ئۇدا يەتتە نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان پېشقەدەم ئىلەڭگۈچ ماھىرى − 42 ياشلىق ھۆرنىسا ساۋۇر ئۆزىنىڭ 88 قېتىم قوڭغۇراققا تېگىشتەك شەخسىي رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

42 ياشلىق ھۆرنىسا ساۋۇر ئىلەڭگۈچ تۈرىنىڭ 55 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بويىچە يالغۇز كىشىلىك قوڭغۇراققا تېگىش مۇسابىقىسىدە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۇنجى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشىگە ياردەم بەردى.

بىڭ دەن فوتوسى

مىللىيچە چېلىشىش تۈرىنىڭ كىچىك تۈرى − «كاتەكچە» مۇسابىقىسىدە، قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى رۇسۇل ھەسەن 74 كىلوگىراملىقلار بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. مىللەتلەر چامباشچىلىقى مۇسابىقە مەيدانىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى جاۋ جۈنجې ئەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى 1- تۈر بوكس مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئابدۇللا باتۇرجان، ما يۇڭشىن، ھەسەن يۈسۈپئەمەت ئۈچەيلەن ئەرلەرنىڭ مەشىق تۈرىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

14- چېسلا، مىللەتلەر چەۋەندازلىق تۈرى مۇسابىقىسىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئۇلان قادىرجان 1000 مېتىرغا ئات يورغىلىتىش تۈرىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى داۋۇربېك باقاتبېك ئات چاپتۇرۇپ ئوقيا ئېتىش بويىچە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

قومۇل ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھاۋاگۈل يۈسۈپ بىلەن سارەم نىياز ماسلىشىپ 87 قېتىم قوڭغۇراققا تېگىشنى تاماملاپ، ئىلەڭگۈچ تۈرى بويىچە قوش كىشىلىك قوڭغۇراققا تېگىش مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋۇروڭ خاۋرەن مىللەتلەر چامباشچىلىق تۈرىدە ئەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى 2- تۈردىكى مۇشتلىشىش ماھارىتى مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شۇ كۈنى پەن ئاياغ كىيىپ سۈرئەت تالىشىش تۈرىنىڭ تۇنجى مۇسابىقە كۈنى بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇنجى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىش بىلەن بىللە، بۇ تۈردە ئەڭ چوڭ يەڭگۈچىگە ئايلاندى، ئۇلار ئەرلەرنىڭ 60 مېتىر، 100 مېتىر ۋە ئاياللارنىڭ 60 مېتىر، 100 مېتىرلىق مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت تۆت تۈرنىڭ ھەممىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش