دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئەتىگەن، كەچتە سوغۇق بولىدۇ! 9-ئاينىڭ 13-كۈنى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 8~5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «188+727» شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 3ى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 23ى يېڭىدىن كۆپەيدى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا كىردى، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە كۈز كىرىشى مۇمكىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنجاڭدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 4ى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 24ى يېڭىدىن كۆپەيدى بۈگۈن (9-ئاينىڭ 14-كۈنى) سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلاردىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان بىرىكمە شەكىلدىكى باج ـ ھەق قوللاش سىياسىتىدە ئەمەلىي نەپ كۆپ بولدى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئوغلاق قەيەرگە كېتىدۇ؟
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-09-15 11:13:36

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

9- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، بورتالا شەھىرىنىڭ بەيگە مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى باشلاندى. شۇ كۈنى، تارباغاتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئالتاي كوماندىسى بىلەن خوتەن ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىككى ئىككىدىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ سانىنى تالاشتى.

قارىماققا قىزىقارلىق، ئاددىي كۆرۈنگەن ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن مۇرەككەپ.

ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان ئاتنى باشقا تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە ئىشلىتىلگەن ئاتقا سېلىشتۇرغاندا، بەدەن شەكلى چوڭ، رايىش.

9- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى نەق مەيدانى.

نەن دېڭ فوتوسى

خوتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تېرىنېرى ئەلى مەمتىمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خوتەننىڭ ئاتلىرى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مۇنەۋۋەر ئات نەسىللىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق يېتىشتۈرۈلگەن بولۇپ، جوغى بىرقەدەر چوڭ.» ھالبۇكى، ئالتاي كوماندىسىنىڭ ئاتلىرى گەرچە سەل كىچىكرەك بولسىمۇ، ئەمما چىدامچانلىقى ياخشى، يۈگۈرگەن چاغدا زاپاس كۈچى يېتەرلىك.

«ھەر بىر رايوننىڭ ئات بېقىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھەر قايسى جايلاردىكى ماھىرلارنىڭ ئات كۆندۈرۈش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىمايدۇ. نوپۇزلۇق ئات باققۇچى زات ئابلىمىت ئېزىز مۇنداق دېدى: ئاتنىڭ مۇسابىقە ۋاقتىدىكى ئۆزئارا سۈركىلىشكە سەزگۈر بولماسلىقى ئۈچۈن، ماھىرلار يەنە دائىم ئاتنىڭ قارشىلىشىش مەشىقىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئادەتتە ئىككى مەيدان بولۇپ، جەمئىي 40 مىنۇت داۋاملىشىدۇ. «ئوتتۇرا مەيداندىكى دەم ئېلىشتا، ماھىرلار ئالدى بىلەن<سەپدىشى>نىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىدۇ، ئاتنىڭ يارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ» دېدى ئابلىمىت.

بىر مەيدان ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىدە ئۈچ رېپىر بولىدۇ، ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىدە بولسا بەشتىن يەتتىگىچە رېپىر بولىدۇ، يەنە كېلىپ ئىككىسى ئات مىنىشنى بىلىشى كېرەك.

«مۇسابىقە مەيدانىدا، ئىككى رېپىر ئاتقا مىنىپ چۆرىدەپ يۈگۈرەيدۇ، بۇنىڭدا بىرى، مۇسابىقە جەريانىنى تەپسىلىي كۆرۈشكە قولايلىق بولىدۇ، يەنە بىرى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئاتلارنى كونترول قىلالماي مۇسابىقە مەيدانىدىن چاپچىپ چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ» دېدى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ رېپىرى ئابلىز ئەخمەت.

باشقا رېپىرلار مۇقىم ئورۇندا تۇرۇپ، مۇسابىقە جەريانىنى سېلىشتۇرۇپ ھۆكۈم قىلىدۇ. «ماھىردا قەستەن ئىتتىرىش ھەرىكىتىنىڭ بار- يوقلۇقى، تالىشىپ كېلىنگەن ئوغلاقنىڭ رامكا ئىچىگە ھەقىقىي كىرگەن- كىرمىگەنلىكى، ئاتنىڭ ھالىتىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنىڭ ھەممىسىگە رېپېرنىڭ ئەستايىدىل ھۆكۈم قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بىر مەيدان ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھېرىپ يىقىلىپ قالىدۇ» دېدى ئابلىز ئەخمەت.

9- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىدە ماھىرلار ئوغلاق تارتىشىشماقتا. نەن دېڭ فوتوسى

ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئاسماندا «ئۇچۇپ يۈرگەن» ئوغلاق قانداق بولىدۇ؟

مۇخبىرنىڭ رېپىرلار گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۇسابىقىگە ئىشلىتىلىدىغان ئوغلاقنىڭ ئېغىرلىقى سەككىز كىلوگىرامدىن ئون كىلوگىرامغىچە بولىدىكەن.

«مۇسابىقە باشلىنىشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن ئوغلاقنى سويۇپ، باش ۋە پۇت- قوللىرىنى ئېلىۋېتىپ، بوينىدىن ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ تىكىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئوغلاق تارتىش مۇسابىقىسىگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.» ئابلىز ئەخمەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئوغلاق ئالماشتۇرۇلىدىكەن. ئەگەر مۇسابىقە بەك كەسكىن بولۇپ، ئوغلاق تالىشىش جەريانىدا ئىككى پارچە بولۇپ كەتسە، ئۇنداقتا يەنە بىرسىنى ئالماشتۇرۇپ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ ئوغلاق قەيەرگە كېتىدۇ؟ «ئەلۋەتتە، ئىككى كوماندا ئەزالىرىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ كېتىدۇ! مۇسابىقە مەيدانىدا رەقىب، مۇسابىقە مەيدانىدىن چۈشكەندىن كېيىن ھەممەيلەن ياخشى دوستلار، بىللە گۆش يەيمىز، بۇ، ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ چوڭ سېھرىي كۈچى» دېدى ئابلىز ئەخمەت.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش