دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىدىغان بىرىكمە شەكىلدىكى باج ـ ھەق قوللاش سىياسىتىدە ئەمەلىي نەپ كۆپ بولدى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭدىن تۆت ئەسەر تاللاندى! ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 176 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى 8 ـ ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇردى شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇپ پۈتۈن مەملىكەتنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتا مەسئۇلىيەتچانلىق نامايان قىلىندى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاقسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى مەملىكەت بويىچە پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش سىنلىق يىغىنى ئېچىلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

دۆلەت ياشلار ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى 1:3 نەتىجە بىلەن بېرما كوماندىسىنى يەڭدى ئەفىردىن، بەھرامنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-09-14 11:34:55

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 9- ئاينىڭ 11- كۈنى سەھەردە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 41- نۆۋەتلىك U20 ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو دۆلەت ياشلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئەفىرىدىن ئەسقەر ۋە بەھرام ئابدۇۋەلىنىڭ ئىپادىسى قالتىس بولدى، ئىككىيلەن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىنىڭ بېرما كوماندىسىنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىپ، بۇ قېتىمقى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ قېتىملىق U20 ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو دۆلەت ياشلار كوماندىسى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئۆزبېكىستان، بېرما، مالدىۋې بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى. مۇسابىقە قائىدىسىگە ئاساسەن، 10 گۇرۇپپىدىكى بىرىنچى بولغان ۋە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان بەش گۇرۇپپىدىكى ئىككىنچى بولغان كوماندا 2023- يىللىق ئۆزبېكىستان U20 ئەرلەر ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە دەرىجە ئۆرلەيدۇ. ئۆزبېكىستان كوماندىسى رەسمىي مۇسابىقىگە بىۋاسىتە دەرىجە ئۆرلىگەن ساھىبخان كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ كوماندىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ھەرقايسى كوماندىلار بىلەن بولغان مۇسابىقە نەتىجىسى ئاخىرقى رەت تەرتىپىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

دۆلەت ياشلار كوماندىسى تۇنجى سەپ شەكلىدە ئۈچ شىنجاڭلىق توپچى بار. سۈرەت «پۇتبول جۇڭگو» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىندى

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭلىق سەككىز توپچى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو U19 ياشلار كوماندىسىنىڭ ياۋروپادىكى يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەفىردىن ئەسقەر شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىن بولۇپ، نۆۋەتتە گۇاڭجوۋ پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتىدۇ؛ بەھرام ئابدۇۋەلى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن بولۇپ، نۆۋەتتە جىنەن شىڭجوۋ پۇتبول كۇلۇبىدا توپ تېپىۋاتىدۇ.

كىرودىيەدىكى ئىككى مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە دۆلەت ياشلار كوماندىسى ئاۋۋال 0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن شىمالىي ماكېدونىيە دۆلەت ياشلار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، ئاندىن 2گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن زاگرېب رايونى U19 ياشلار كوماندىسىنى يەڭدى. بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە، ئەفىردىن بەش توپ، بەھرام ئۈچ توپ كىرگۈزدى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، ئەفىردىن بىلەن بەھرام تۇنجى بولۇپ مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئىككىلىسى كوماندىنىڭ ئالدىنقى مەيدان توپچىسى.

مۇسابىقە باشلىنىپ 13 مىنۇت بولغاندا، ئەفىردىن بەھرامنىڭ پاس چىقىرىشى بىلەن ئالدى بىلەن توپ كىرگۈزدى. توققۇز مىنۇتتىن كېيىن بېرما دۆلەت ياشلار كوماندىسى بۇلۇڭ توپ پۇرسىتىگە ئېرىشىپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. ئارقىدىن، دۆلەت ياشلار كوماندىسى بارا- بارا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. 66 مىنۇت بولغاندا، ليۇ گوباۋ ئالمىشىپ مەيدانغا چىقىپ، ئۆتكۈر ھۇجۇم بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈپ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتتى. ھەمدە ۋاقىت قوشۇپ بېرىلگەن باسقۇچتا ئارقا- ئارقىدىن ئىككى نۇقتا توپ ياسىدى، ئەفىردىن بىلەن بەھرام ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ نۇقتا توپنى كىرگۈزدى.

ئەمدى، دۆلەت ياشلار كوماندىسى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى مالدىۋې كوماندىسى بىلەن، 9- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۆزبىكىستان كوماندىسى بىلەن، 9- ئاينىڭ 19- كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش