دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

خەن شۈ 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-09-16 11:55:48

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە زور ئۈستۈنلۈك بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى

خەن شۈ 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەر گۇرۇپپىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى شىئەندىكى شەھەر تەنھەرىكەت باغچىسى تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان دۆلەتلىك ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى ئاساس قىلغان بىرلەشمە كوماندا 52 :100 نەتىجە بىلەن جياڭسۇ كوماندىسىنى زور ئۈستۈنلۈك بىلەن يەڭدى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن كەلگەن خەن شۈ كوماندا ئەزالىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، 18 نومۇرغا ئېرىشىپ، گاردىن قايتقان توپتىن توققۇزنى تۇتۇۋېلىپ، بىرلەشمە كوماندىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشتى، شۇنداقلا 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى.

بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بىرلەشمە كوماندىغا تاللانغان توپچىلار تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك، شەھەرلىك ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىش سالاھىيىتى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە كوماندىسى چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، خەن شۈ تۇرۇشلۇق شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. شۇ كۈندىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، خەن شۈ 3 ـ چارەك مۇسابىقىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى، ئۇنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپى بىرلەشمە كوماندىنىڭ ئالدىدا مېڭىش ئۈستۈنلۈكىنى 30 نومۇرغا يەتكۈزدى. جياڭسۇ كوماندىسى پەقەت تېز ھۇجۇمغا ئۆتۈش ئارقىلىق نومۇر ئالدى، مەيداندىكى ئېلىشىش پۇرسىتى ئىنتايىن چەكلىك بولدى. 3 ـ چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، بىرلەشمە كوماندا 40 نومۇر ئالدىدا مېڭىشتەك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولدى، مۇسابىقىدە يېڭىش ـ يېڭىلىش مۇددەتتىن بۇرۇن ئېنىق بولدى.

2018 ـ يىلى، 19 ياشقىمۇ كىرمىگەن خەن شۈ چىڭخۇا داشۆ قارىمىقىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قاتناشتى. 2018 ـ يىللىق جاكارتا ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ چېنىقتۇرۇشىنى تېخى باشتىن كەچۈرمىگەن خەن شۈ خەلقئارا مۇسابىقىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. 2018 ـ يىلى 9 ـ ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، خەن شۈ جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 6 ـ لىككە ئېرىشتى.

2019 − 2018 مۇسابىقە پەسلىدە، خەن شۈ شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن WCBA(جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى) مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئىچكى سەپتىكى كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش، مۇداپىئەلىنىش ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى. 2019 ـ يىلى 4 ـ ئايدا، WNBA (ئامېرىكا كەسپىي ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى)نىڭ ماھىرلارنى تاللاش مۇسابىقىسىدە، خەن شۈ 14 ـ ئورۇندا تۇرۇپ، نيۇيورك ئەركىن كىشىلەر كوماندىسىغا تاللاندى. 2021 − 2020 مۇسابىقە پەسلىدە، خەن شۈ بىلەن ۋاڭ لىلى باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى WCBAنىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 2 ـ لىككە ئېرىشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش