دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلىدى، خەن شۈ تۇنجى مۇسابىقىدە قوش نەتىجىگە ئېرىشتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-07-29 12:32:31

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ يىيۈەن

7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كەچتە، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاياللار ۋاسكېتبول C گۇرۇپپىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 55: 97 نەتىجىلىك زور ئۈستۈنلۈك بىلەن پوئېرتورىكو كوماندىسىنى يېڭىپ، تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلىدى. دۆلەت كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئاتلانغان ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى خەن شۈ 11 نومۇر ئېلىش، گارغا تېگىپ قايتقان 14 توپنى ئېلىشتەك قوش سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشتى.

بۇ قېتىمقى ئاياللار ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىگە جەمئىي 12 كوماندا قاتناشقان بولۇپ، ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، پوئېرتورىكو ئوخشاشلا C گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. قائىدىگە ئاساسەن، ئۈچ گۇرۇپپىدىكى ئالدىنقى ئىككى ئورۇندىكى كوماندا ۋە نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان 3 - لىككە ئېرىشكەن ئىككى كوماندا سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىدۇ.

جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇسابىقە جەريانىدا ئالدى بىلەن ئەمەلىي كۈچى نىسبەتەن بىرقەدەر ئاجىز بولغان پوئېرتورىكو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىش روشەنكى ياخشى باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ.

جۇڭگو ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياۋ مىڭ مەيدان ئەتراپىدا شەخسەن ئۆزى قوماندانلىق قىلدى، ئۇنىڭ دىققەت بىلەن كۆزىتىشىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن پوئېرتورىكو كوماندىسى كۈچ سىنىشىشقا باشلىدى. ئىچكى سەپتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەچكە، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ناھايىتى تېزلا تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۇنجى چارەك مۇسابىقىدە 17: 32 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. 2 - چارەك مۇسابىقىدە، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى داۋاملىق ئىچكى - تاشقى جەھەتتە بىرلىشىشتەك ئويناش ئۇسۇلىنى قوللاندى، يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، جۇڭگو كوماندىسى 26: 53 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. بۇ چارەك مۇسابىقىدە، خەن شۈ مۇسابىقە باشلىنىپ بىر مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، يوتىسى زەخىملەنگەن دەپ گۇمان قىلىنىپ، مەيداندىن چۈشۈپ دەم ئالدى. 3 - چارەك مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسى ئۈستۈنلۈكنى 30 نومۇرغا يەتكۈزۈپ، 41: 71 نەتىجە بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

تەڭشەشتىن كېيىن، خەن شۈ قايتىدىن مەيدانغا قايتىپ كەلدى ھەم 4 - چارەك مۇسابىقىنى تولۇق ئوينىدى. بۇ چارەك مۇسابىقىدە، خەن شۈ جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ۋە 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئاۋسترالىيە كوماندىسى ۋە بېلگىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

مۇسابىقىدىن كېيىن، پۈتۈن مۇساپىلىك مۇسابىقىنى كۆزىتىپ تۇرغان شىنجاڭ ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ما جۈننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، خەن شۈ شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدا ئۈچ مۇسابىقە پەسلىدە توپ ئوينىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۇنىڭ قەيسەر ئىستىلىنىمۇ بىلىدىكەن. خەن شۈنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.07 مېتىر بولسىمۇ، لېكىن قەدىمى چاققان بولۇپ، ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ھېسابلىنىدىكەن.

ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مۇسابىقىسىدە، خەن شۈنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى. «ئۇنىڭ ئۆز تۇيغۇسىنى تېپىپ، كېيىنكى مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى ما جۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش