دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

​توختاربېك 16 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-07-29 12:31:15

5:0 نەتىجە بىلەن ھىندىستانلىق ماھىرنى يېڭىپ

توختاربېك 16 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ

7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس مۇسابىقە مەيدانىدىن خۇش خەۋەر كەلدى: جۇڭگو بوكس كوماندىسىنىڭ ماھىرى توختاربېك تاڭلاتقان 5:0 نەتىجە بىلەن ھىندىستانلىق ماھىرنى يېڭىپ، ئەرلەر 75 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە 16 كۈچلۈك ماھىر قاتارىغا كىردى.

«گەرچە بۇ ئۇنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 1 - مەيدان مۇسابىقىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ناھايىتى سالماق، كاللىسى ئوچۇق ھالدا مۇسابىقىلىشىپ، تىرېنېر ئورۇنلاشتۇرغان ۋەزىپىنى ناھايىتى ياخشى تاماملىدى» دېدى دۆلەت بوكس كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ئابدۇشۈكۈر مىجىت مۇسابىقىدىن كېيىن مۇخبىرغا.

توختاربېك بىلەن ھىندىستانلىق ماھىرنىڭ ئىككىلىسى ئاسىيا رايونى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە 3 - لىككە ئېرىشكەن. ئىككى تەرەپ ئىلگىرى ئىككى مەيدان تۇتۇشۇپ، ھەر قايسىسى بىر مەيداندىن غەلىبە قىلغان.

«مېنىڭ ئۆزۈمگە قويغان تەلىپىم: ھەركۈنى تۈنۈگۈنكى ئۆزۈمدىن ياخشىراق بولۇش. مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ بۇلتۇرقىدىن تېخىمۇ كۈچلەنگەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن» دېگەنىدى توختاربېك مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

2000 - يىلىدىكى سېدنىي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە بوكس تەنھەرىكەتچىسى ئابدۇراخمان ئابلىكىم جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭدىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقە مەيدانىغا يۈزلەنگەن تۇنجى بوكس تەنھەرىكەتچىسىگە ئايلانغان. 21 يىلدىن كېيىن، ئوخشاشلا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 75 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى بويىچە بوكس مۇسابىقىسىدە، بويى تېخىمۇ ئېگىز، بەستلىك كەلگەن ئالتايلىق يىگىت توختاربېك 5:0 نەتىجە بىلەن مۇسابىقىدە تېزلا يەڭدى.

توختاربېكنىڭ كېيىنكى رەقىبى بىرازىلىيەلىك ماھىر بولۇپ، مۇسابىقە 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى سائەت 16دە ئېلىپ بېرىلىدۇ.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش