دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

بىر كۈندە ئۈچ ئالتۇن مېدال قولغا كەلدى ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى يېڭىلىپ قالدى رېكورت ئۆزگەرتىپ يېزىلدى داڭلىق ماھىر مۇسابىقىدىن چېكىندى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-07-29 12:30:44

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۇڭجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ چىنئوۋ، ۋاڭ خېڭجى) دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىپ 2 ـ كۈنى، يېڭى دۇنيا رېكورتى يارىتىلدى، جۇڭگو ۋەكىللەر كوماندىسىمۇ ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى تۇنجى جەڭدە يېڭىلىپ قالدى، ئەمما ئۇلارنىڭ چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ قېلىش سەپىرى تېخى ئەمدىلا باشلاندى.

ئالتۇن مېدال كۆپ تارقىتىلىدىغان چوڭ تۈر بولغان سۇ ئۈزۈشتە 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئالتۇن مېدال بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. ئامېرىكا 6 مېدالغا ئېرىشتى؛ تۇنىسلىق كىچىك ماھىر خافناۋى ئەرلەرنىڭ 400 مېتىرغا ئەركىن ئۈزۈش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە «يان يول مۆجىزىسى»نى يارىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى 50 مېتىردا ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى؛ لوندون، رىئودې ژانېيرودا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان ئاۋسترالىيە كوماندىسى 3 مىنۇت 29 سېكۇنت 69 دەقىقە نەتىجە بىلەن ئۆزلىرى ساقلاپ كەلگەن ئاياللارنىڭ 4x100 مېتىرغا كۈچ ئۇلاپ ئەركىن ئۈزۈش تۈرىدىكى دۇنيا رېكورتىنى بۇزۇپ، بۇ تۈردە ئۇدا ئۈچ قېتىم چېمپىيون بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ جۇڭگولۇق ئايال ماھىر جاڭ يۈفېي داۋاملىق ئاياللارنىڭ 100 مېتىرغا كېپىنەكچىلەپ ئۈزۈش تۈرىدە زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا بېسىپ، تەييارلىق مۇسابىقىسى، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر 56 سېكۇنتتا ئۈزۈپ بولغۇچى سالاھىيىتى بىلەن 7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى يەنە ئىككى تۈردە ھۆكۈمران دەرىجىلىك ئۇدا چېمپىيونلۇق بارلىققا كەلدى. كورېيە ئاياللار كوماندىسى 9 ـ قېتىم ئوقيا ئېتىش ئاياللار كوللېكتىپى تۈرىدە ھەممىنى بېسىپ چۈشتى، 1988 ـ يىللىق خەنچېڭ (سېئۇل) ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن بۇيان، كورېيە ئەزەلدىن بۇ تۈرنىڭ ئالتۇن مېدالىنى قولدىن بېرىپ باقمىدى. جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسىمۇ ئاياللارنىڭ قوش كىشىلىك ئۈچ مېتىرلىق تاختا تۈرىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۇدا بەش قېتىم چېمپىيون بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، شى تىڭماۋ، ۋاڭ خەن «ئارزۇ كوماندىسى»غا ۋاكالىتەن جەڭگە ئاتلىنىپ، چېمپىيونلۇقنى ئاسانلا قولغا كەلتۈردى.

جۇڭگو گۇرۇپپىسى تارىخ ياراتقاندىن كېيىن يەنە ئىللىق كۆرۈنۈشنى نامايان قىلدى. مۇكاپات ئېلىش سۇپىسىدا، ئوخشاش بىر يىلدا تۇغۇلغان شى تىڭماۋ ۋە ۋاڭ خەن بىر ـ بىرىگە ئالتۇن مېدالنى ئېسىپ قويۇپ، ئارقىدىن چوڭقۇر مېھىر بىلەن قۇچاقلاشتى.

جۇڭگو پالۋانلىرى داۋاملىق دۇڭجىڭدا «يېگانە يەڭگۈچى»لەردىن بولدى. ئەرلەرنىڭ 61 كىلوگىرام دەرىجىلىكلەر ۋە 67 كىلوگىرام دەرىجىلىكلەر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، بۇ ئىككى دەرىجىدىكى ئومۇمىي نەتىجىدە دۇنيا رېكورتىنى ساقلاپ كەلگەن لى فابىن ۋە چېن لىجۈننىڭ چېمپىيون بولغانلىقى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سىناق كۆتۈرۈشتىن بۇرۇنلا مەلۇم بولدى.

تەيچۈەنداۋ تۈرىدە، رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 58 كىلوگىرام دەرىجىلىكلەر چېمپىيونى جاۋ شۇەي «دەرىجىسى ئۆسكەن»دىن كېيىن ئەرلەرنىڭ 68 كىلوگىرام دەرىجىلىكلەر يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىلا ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا توختاپ قېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى.

شۇ كۈنى سۇ ئۈزۈش، قارىغا ئېتىش، سۇغا سەكرەش، تەيچۈەنداۋ، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش، ئوقيا ئېتىش، تاشيول ۋېلىسىپىتى، قىلىچۋازلىق، رۇۋداۋ، غالتەكلىك تاختا قاتارلىق تۈرلەردە جەمئىي 18 ئالتۇن مېدال بارلىققا كەلدى. ئۈچ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن جۇڭگو كوماندىسى ئالتە ئالتۇن مېدال بىلەن ئالتۇن مېدال تىزىملىكىدە ۋاقتىنچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ئامېرىكا، ياپونىيەنىڭ ھالىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ كۈنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تۆتتىن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. ئۆزبېكىستان، ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترىيە ھەم رۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرى بىردەك تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈردى.

زور ئۈمىد باغلانغان جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى شۇ كۈنى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى، لېكىن چېمپىيونلۇقنى ساقلاپ كەلگۈچىنىڭ ئىپادىسى كىشىنى ھەيران قالدۇردى، ئۇلار 21:25 ۋە ئىككى 14:25لىك چوڭ پەرقلىق نومۇر بىلەن ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۇتتۇرۇپ قويدى، ئويلىمىغان يەردىن 2 ـ قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان تۈركىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، رىئودى ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تۇنجى مەيدان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان كۆرۈنۈشنى تەكرارلىدى.

پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ توپ ئۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى ئاران 80نىڭ ئىچىدە 28 بولۇپ، ئاساسىي ھۇجۇمچى جۇ تىڭ قاتتىق مۇداپىئەگە ئۇچراپ، پۈتۈن مەيداندا ئاران تۆت نومۇر ئالدى، پۈتۈن كوماندىدا پەقەت جاڭ چاڭنىڭلا ئىككى خانىلىق نومۇر ئالدى. مۇسابىقىدە، باش تىرېنېر لاڭ پىڭ كۆپ قېتىم ئادەم ئالماشتۇرۇپ سەپنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئانچە ئۈنۈمى بولمىدى. مۇسابىقىدىن كېيىن، ئۇ كوماندا ئەزالىرىنىڭ ماھارىتىنى جارى قىلدۇرۇشىدىن ئەپسۇلانغانلىقىنى، قايتقاندىن كېيىن ياخشى خۇلاسىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باشقا توپ تۈرىدىكى كوللېكتىپ تۈرلەردە، ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول جۇڭگو ئاياللار كوماندىسى ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلدى، بۇ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان فىرانسىيە كوماندىسىنى يەڭگەنلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گەرچە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بىر نومۇر ۋە ئۈچ نومۇر بىلەن ياۋروپادىكى كۈچلۈك كوماندىغا ئەپسۇسلىنارلىق ھالدا يېڭىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ھالىتىدە ئۆرلەش بولدى؛ جۇڭگو ئاياللار چوماق توپ كوماندىسى 4:3 نەتىجە بىلەن تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاپ ياپونىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، مۇسابىقىنى ياخشى باشلىدى. كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەرلەر ۋاسكېتبول ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنئالا رېپېتىتسىيەسى»دە، ئامېرىكا 76:83 نومۇر بىلەن فىرانسىيەگە تەڭ كېلەلمىدى.

7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىكى مۇسابىقە مەيدانى يەنە جۇشقۇن ياشلىق باھار بىلەن پېشقەدەم ماھىرلار ھېكايىسىنىڭ گىرەلىشىشىگە گۇۋاھ بولدى. ئەرلەر 10 مېتىرلىق يەل مىلتىق ئېتىش ۋە ئاياللار 10 مېتىرلىق يەل تاپانچا ئېتىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مېدالغا ئېرىشكەن ئالتە كىشىنىڭ بەشىنىڭ ھەممىسى 1995 ـ يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇپ، جۇڭگو ماھىرلىرى بىر كۈمۈش مېدال، ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشتى. تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە كىرگەن يېڭى تۈردىن دولقۇن تېيىلىش ۋە غالتەكلىك تاختا مۇسابىقىسى شۇ كۈنى باشلاندى، 23 ياشلىق ياپونىيەلىك ماھىر كۇمى شيۇڭدوۋ ئەرلەر غالتەكلىك تاختا كوچىدا تېيىلىش تۈرىدە چېمپىيون بولدى.

قىزىقارلىق يېرى شۇكى، كۇمىنىڭ ئۆيى بىلەن مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئارىلىقى ئارانلا 20 مىنۇتلۇق يول ئىدى. بۇ، چېمپىيوننىڭ ئۆيىگە قايتىپ تەبرىكلىشىگە نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، كىشىلەر يەنە كوچىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ تەنھەرىكەت تۈرى ئولىمپىك سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى ئالتۇن مېدالنىڭ مۇشۇ كوچىدا چوڭ بولغان بالىغا تەۋە بولغانلىقىدەك بۇ خىل تاسادىپىيلىقتىن ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتىشتى.

46 ياشلىق ئۆزبېكىستانلىق گىمناستىكا ماھىرى چۇسوۋىتىنا ئاياللارنىڭ ياغاچ ئاتتىن سەكرەش تۈرىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە ياخشى نەتىجە ئالالماي، ئۆزىنىڭ سەككىز نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ ئەينى يىلى «سەن پۈتۈنلەي ساقايمىغۇچە مەن قېرىشقا پېتىنالمايمەن» دېگەن سۆزى بىلەن سانسىزلىغان كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە، بۇ «ئانا دەرىجىلىك» ماھىر ئۆزىنىڭ خۇشاللىققا تولغان كىشىلىك ھاياتى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىش يولىغا قەدەم باسقۇسى.

دولقۇن تېيىلىش مۇسابىقىسى پىلان بويىچە 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى ئەرلەر، ئاياللار تۈرىدە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كېلەتتى، بىراق بۇ يىل 8 ـ نومۇرلۇق تەيفېڭ بورىنى «نىبوتې» 7 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنىنىڭ ئالدى ـ كەينىدە ياپونىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇسابىقە ۋاقتى تەڭشىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

يەنە قىسمەن داڭلىق ماھىرلارنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سەپىرىمۇ تەڭشىلىدۇ، ھازىر دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىسپانىيە داڭلىق گولف توپ ماھىرى جون رام ۋە دۇنيا بويىچە ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكا گولف توپ ماھىرى برايسۇن دېچامپىيو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققانلىقتىن، دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن چېكىنىپ چىقتى. ئاۋسترالىيە يورغىلاپ مېڭىش تەنھەرىكەتچىسى، رىئودې ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئەرلەرنىڭ 20 كىلومېتىرلىق مۇسابىقىسىدە مىس مېدالنى قولغا كەلتۈرگۈچى دان بېرد سىمىس ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سالامەتلىكى سەۋەبىدىن دۇڭجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دۇڭجىڭدا مەشىق قىلىشنى باشلىغان ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چويلا توپ ئەرلەر يەككە ئويناش تۈرىدە چېمپىيون بولغان ئەنگلىيە ماھىرى مۇرېي يارىلانغانلىقى ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ يەككە ئويناش مۇسابىقىسىدىن چېكىنىپ چىقتى.

7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى 21 ئالتۇن مېدال بارلىققا كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تىكتاك توپ ئارىلاش جۈپ ئويناش مۇسابىقىسى «جۇڭگو ـ ياپونىيە چوڭ جېڭى»نى كۈتۈۋالىدۇ، «شىن\ۋېن» گۇرۇپپىسى ياپونىيەلىك شۈيگۇ سۇن\يىتېڭ مېيچىڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ؛ ئەرلەرنىڭ 10 مېتىرلىق پەشتاقتىن جۈپ سەكرەش، ئاياللارنىڭ 55 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش قاتارلىق تۈرلەردە، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشىدىن يەنە ئۈمىد بار.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش