دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

ياڭ چيەن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى قارىغا ئاتقۇچىلارنى رىغبەتلەندۈردى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-07-29 12:30:12

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ يىيۈەن خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، جۇڭگولۇق كىچىك ماھىر ياڭ چيەن بۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى مەشىق 2 ـ چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى خەن شىنپىڭ مۇنداق دېدى: ياڭ چيەننىڭ تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈشى كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، بۇ، شىنجاڭ قارىغا ئېتىش كوماندىسى ئۈچۈنمۇ رىغبەت.

شىنجاڭ قارىغا ئېتىش كوماندىسى شەرەپلىك تارىخقا ئىگە قوشۇن، ئىلگىرى دۇ خۇا، يۈ ۋېي، جاڭ شىنخۇا قاتارلىق داڭلىق ماھىرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. شىنجاڭ قارىغا ئېتىش كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى لى ۋېنجيې 1994 ـ يىلى 7 ـ ئايدا 46 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا قارىغا ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە مىلتىق بىلەن يېتىپ قارىغا ئېتىشتا ئالتۇن مېدال ئالغان. لى ۋېنجيې مۇنداق دېدى: «ياڭ چيەننى تەبرىكلەيمەن، قارىغا ئاتقۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئىنتايىن پەخىرلىنىش ھېس قىلدۇق. مەن ئۇنىڭ ئالتۇن مېدال ئالغانلىقى توغرىسىدىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى تولۇق كۆردۈم ھەم بىر قېتىملىق نەق مەيدان مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندەك تۇيغۇغا كەلدىم».

نۆۋەتتە، شىنجاڭ قارىغا ئېتىش كوماندىسىدىن ئالتە ماھىر 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈرۈشتى: چوقۇم ياڭ چيەننى ئۈلگە قىلىپ، جەڭگە پائال تەييارلىق قىلىپ، ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ھەرىكىتى مەكتىپى قارىغا ئېتىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى چېن يەن 2011 ـ يىلى 4 ـ نۆۋەتلىك ئاسىيا يەل مىلتىق ئېتىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ياڭ چيەننىڭ ۋەتەن ئۈچۈن تۇنجى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. بۇنىڭغا تۇغما تالانتلا زۆرۈر بولۇپ قالماستىن، يەنە سىجىل، ئۈزۈلدۈرمەي جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. تىرىشىپ ئەجىر سىڭدۈرگەندىلا ئاندىن جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بىز كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقان ۋەتىنىمىزدە تېخىمۇ كۆپ تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ پۈتۈن كارامىتىنى كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز».


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش