دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى: ئىككى توپ ئارقىدا قالغان تىيانشان يىلپىزى ئاخىرىدا يەنىلا يېڭىپ چىقتى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-05-09 19:34:39

 تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ) 4-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 2-قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى. شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى كوماندىسى ئاۋۋال ئىككى توپ كەتكۈزۈپ قويغان ئەھۋالدا، كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئۇدا ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا 3:2 نەتىجە بىلەن زىبو سۇجۈ كوماندىسىنى يېڭىپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. 


تىيانشان يىلپىزى كوماندىسى مۇسابىقىدىن بۇرۇن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. (شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئاممىۋى سۇپىسى تەمىنلىگەن)

   ئىككىلا تەرەپ تۇنجى ئايلانمىدا يېڭىلگەن بولغاچقا، ئۇدا يېڭىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىككى كوماندا غەلىبە قىلىشنى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ نىشانى قىلدى. مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ شىددەتلىك تىركەشمە ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئەمما ئۇزاققىچە توپ كىرگۈزەلمىدى.

   ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 41-مىنۇتتا، زىبو كوماندىسى ئاۋۋال مەيداندىكى قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى. قارشى تەرەپ ئوتتۇرىدىن ئۇزۇن پاس چىقىرىپ جازا رايون ئىچىگە تاشلىدى، ۋاراتار ئەكرەمجان ئالدىغا چىقىپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ توپنى ئۇرالماي قالدى، قارشى تەرەپتىكى چەت ئەللىك ماھىر سىلۋا ئوچۇق ۋاراتارغا توپ كىرگۈزۈپ نومۇر ئالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، تىيانشان يىلپىزى كوماندىسى 0:1 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالدى. 

   كېيىنكى يېرىم مەيدان باشلانغاندا، تىيانشان يىلپىزى كوماندىسى ئارقا-ئارقىدىن ئادەم ئالماشتۇرۇپ، تەڭشەش قىلدى. 48-مىنۇتتا، زىبو كوماندىسى يەنە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سىلۋا ئىككىنچى توپنى كىرگۈزدى. قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ تەرەپتىن باشلىغان بۇلۇڭ توپىنى سىلۋا ئېلىپ باش توپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2:0 قىلدى. 


مەخمۇتجان قارشى تەرەپنىڭ قورشاۋ مۇداپىئەسىدىن بۆسۈپ چىقماقتا. (شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئاممىۋى سۇپىسى تەمىنلىگەن)

   ئىككى توپ كەينىدە قالغان تىيانشان يىلپىزى كوماندىسى ۋاز كەچمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئون مىنۇتتىن كېيىن، تىيانشان يىلپىزىنىڭ تىرىشچانلىقى جاۋابقا ئېرىشتى. 58-مىنۇتتا، تىيانشان يىلپىزى قارشى تەرەپنىڭ يېرىم مەيدانىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئوڭ تەرەپتىن جازا رايونىغا ئۇزۇن پاس بەردى، زاپاس ئالمىشىپ چىققان ما چاۋ يىقىلىپ تۇرۇپ كۈرەك سېلىپ، توپنى يىراق بۇلۇڭغا كىرگۈزۈپ، بىر توپ قايتۇرۇۋالدى. 

   77-مىنۇتتا، تىيانشان يىلپىزى كوماندىسى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يەنە بىر قېتىم ئوڭ تەرەپتىن پاس بەردى، مۇداپىئە قىلىۋاتقان زىبو كوماندىسىنىڭ بېكى ۋۇ خاۋرەن پاتپاراقچىلىقتا خاتالىق سادىر قىلىپ، باش توپنى ئۈسۈپ ئۆز ۋاراتارىغا كىرگۈزدى. 2:2، تىيانشان يىلپىزى كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. 

   ئارقىدىنلا، 81-مىنۇتتا، تىيانشان يىلپىزى كوماندىسىنىڭ سول تەرەپ قارشى مەيدانىدا قىلىۋاتقان ھۇجۇمى قارشى تەرەپنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى بىلەن بۇزۇۋېتىلدى. ما چاۋ ئىختىيارىي توپنى جازا رايون ئىچىگە تاشلىدى، جېڭ يىمىڭ توپنى ۋاراتارنىڭ يىراق بۇلۇڭىغا كىرگۈزدى-دە، قارشى تەرەپ ۋاراتارى ئامالسىز قالدى. 




جېڭ يىمىڭ باش توپ كىرگۈزمەكتە. (شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى ئاممىۋى سۇپىسى تەمىنلىگەن)

   مۇسابىقە ئاخىرلىشىش پۇشتىكى چېلىندى، تىيانشان يىلپىزى كوماندىسى ئەڭ ئاخىرىدا 3:2 نەتىجە بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى تەتۈر ئاشتى، بۇ كوماندا تارىخىدا تۇنجى قېتىم 0:2 ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلىشتۇر.

   مۇسابىقىدىن كېيىن، باش تىرېنېر پېي ئېنسەينىڭ قارىشىچە، تېخنىكا قاتلىمىدىن ئېيتقاندا، تىيانشان يىلپىزى كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى قارشى تەرەپنىڭكىدەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ، ئەمما كوماندا ئارقىدا قالغان ئەھۋالدىمۇ ۋاز كەچمەي، كۈچ ئېلىشالايدىغان، تىركىشەلەيدىغان ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ غەلىبىگە ئېرىشكەن.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش