دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبول سالاھىيەت مۇسابىقىسى شەندۇڭدا باشلاندى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-05-09 19:34:12

شىنجاڭ ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى U20 ياشلىقلار كوماندىسى ساھىبخان كوماندىنى يېڭىپ ئىشنى ياخشى باشلىدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جېڭ يىيۈەن خەۋەر قىلىدۇ): 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى پۇتبول تۈرىنىڭ ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسى C گۇرۇپپا U20 ياشلىقلار گۇرۇپپا ئايرىمىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسى شەندۇڭ ۋېيفاڭدا باشلاندى، شىنجاڭ U20 ياشلىقلار كوماندىسى ساھىبخان كوماندىدىن ياخشى ئويناپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ساھىبخان شەندۇڭ كوماندىسى ئالدىدا قەيسەر ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 1:0 نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپ مەيدانىدا يېڭىۋالدى.

شىنجاڭ ئەرلەر پۇتبول كوماندىسى U20 ياشلىقلار كوماندىسى مۇسابىقىدىن كېيىن سۈرەتكە چۈشمەكتە. سۈرەتنى ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى تەمىنلىگەن

 ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 30 نەچچە مىنۇت بولغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئەرشىدىن پەخرىدىن باش توپ كىرگۈزۈپ، شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسىنى بۇزۇپ تاشلىدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا، شەندۇڭ كوماندىسى شىددەتلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، نەچچە قېتىملىق تىركىشىش جەريانىدا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇداپىئەسى پۇختا، كوللېكتىپ ماسلىشىشى ياخشى بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمغا قارشى تۇرۇش جەريانىدا مۇۋاپىق پەيتتە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، رەقىبىنى تىزگىنلىدى، شەندۇڭ كوماندىسىنى ئاخىرقى ھېسابتا نومۇر قايتۇرۇۋېلىشقا ئامالسىز قويدى، پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدە ۋاراتار دىليار ھوشۇرجاننىڭ قالتىس ماھارىتى شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ نەچچە قېتىملىق شىددەتلىك ھۇجۇمىنى بىتچىت قىلدى، ئىپادىسى ياخشى بولدى.

 شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى پەرھات ئەزىمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ U20 ياشلىقلار كوماندىسى شەندۇڭ، گۇاڭشى، خېيلۇڭجياڭ، گۇاڭدۇڭ، شاڭخەيدىن ئىبارەت ئالتە كوماندا بىلەن بىللە بۆلۈنگەن C گۇرۇپپا شەندۇڭ ۋېيفاڭ مۇسابىقە رايونىدا گۇرۇپپىلار بويىچە يەككە ئايلانما مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، گۇرۇپپىدىكى ئالدىنقى ئىككى كوماندا بىۋاسىتە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدىغان شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، شاڭخەي كوماندىلىرى ئەمەلىي كۈچى زور كۈچلۈك كوماندىلار، بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشقا نىسبەتەن كوماندا ئەزالىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئىرادىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، 14-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىدۇ.



مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش