دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

تېز قاراڭلار، تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيداندىكى كىيىمى ئۆزگەردى!
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-05-09 19:33:43


شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيداندىكى يېڭى كىيىمى. شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى تەمىنلىگەن سۈرەت

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ لياڭ خەۋەر قىلىدۇ): 2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. يېقىندا، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى يېڭى پەسىللىك پۇتبول كىيىمىنى قىزىل رەڭگە ئۆزگەرتتى.

  ئەگەر ئەنئەنىۋى يېشىل رەڭ ئۈمىدنىڭ سىمۋولى بولسا، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى قىزىل رەڭ قايناق ھېسسىياتنىڭ سىمۋولى.

  2014-يىلى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى كەسپىي پۇتبولنىڭ ئۈمىد ئۇرۇقىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا چاچتى، بۇ ئۈمىد ئۇرۇقلىرى يىلتىز تارتىپ، بىخ سۈرۈپ، چېچەكلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ ياش پۇتبول كوماندىسىغا كىرىپ، كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىلەرگە ئاتلاندى.

  بۇ مۇسابىقە پەسلىدە، شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى ساھىبخان مەيدان كىيىمىنىڭ رەڭگىنى تەڭشەپ، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە يىلپىزنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، شىنجاڭ كۈچىنى نامايان قىلىشقا سىمۋول قىلىنغان. كوماندىنىڭ يېڭى كىيىمىگە ئاۋۋالقىدەكلا ئەتلەس، قۇملۇق تۆگىسى قاتارلىق شىنجاڭ ئامىللىرى سىڭدۈرۈلگەن.

  مېھمان مەيدان مۇسابىقە كىيىمى داۋاملىق ئاق رەڭلىك بولۇپ، قىزىل رەڭ ماسلاشتۇرۇلغان.



شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى ساھىبخان مەيداننىڭ يېڭى كىيىمىدىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلار. شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى تەمىنلىگەن سۈرەت

شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى ساھىبخان مەيداننىڭ يېڭى كىيىمىدىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلار. شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى تەمىنلىگەن سۈرەت

شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى مېھمان مەيداننىڭ كىيىمىدە ئاۋۋالقىدەكلا ئاق رەڭ ئاساس قىلىندى. شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى تەمىنلىگەن سۈرەت

شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق كىراي ماھىرى دانىيار مۇساجان يېڭى كىيىمىنى كۆرسەتمەكتە. شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى تەمىنلىگەن سۈرەت

شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق بېك ماھىرى جاڭ ئوۋ يېڭى كىيىمىنى كۆرسەتمەكتە. شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى تەمىنلىگەن سۈرەت

شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىنىڭ يېڭى ياردەمچى ھۇجۇمچىسى شى جيەن يېڭى كىيىمىنى كۆرسەتمەكتە. شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى تەمىنلىگەن سۈرەت

شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى پېي ئېنسەي تىرېنېر كىيىمىنى كىيدى. شىنجاڭ تىيانشان يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى تەمىنلىگەن سۈرەت



مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش