دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تەنتەربىيە

CBA: گۇاڭدۇڭ يۇقىرى ئۈستۈنلۈكتە شەندۇڭنى يەڭدى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-05-09 19:33:14

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شيا لياڭ، ۋاڭ مېڭ خەۋەر قىلىدۇ) 2020 2021-مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى (CBA)نىڭ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىسى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇنجى مەيدان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى. ئالدىنقى پەسىللىك چېمپىيون گۇاڭدۇڭ كوماندىسى يېرىم مەيداندىن كېيىنكى ئۈستۈنلۈكنى 30 نومۇرغا يەتكۈزۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا 117:99 نەتىجە بىلەن شەندۇڭ كوماندىسىنى يۇقىرى ئۈستۈنلۈكتە يېڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى.

  شەندۇڭ كوماندىسى سەككىزدىن تۆتكە كىرىشتىكى يەككە مەيدان شاللاش مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسىنى يەڭدى، بىراق بۇ مەيدان مۇسابىقىدە دۇچ كەلگىنى ئالدىنقى پەسىللىك چېمپىيون بولۇپ، پۈتۈن كوماندا ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئەمەستەك قىلاتتى. تۇنجى چارەك مۇسابىقىدە شەندۇڭ كوماندىسى ئاتقان 18 توپتىن ئاران تۆتى چۈشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ نومۇرلۇق توپنىڭ بەشى چۈشمەي، يەككە چارەك مۇسابىقىدە ئاران 16 نومۇر ئالدى. گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بولسا بالدۇرلا مۇسابىقە ھالىتىگە كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە جاۋ رۇي يەككە چارەك مۇسابىقىدە 13 نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا 16گە قارشى 35 نومۇر بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى. 2-چارەك مۇسابىقىدە شەندۇڭ كوماندىسى ھۇجۇم قىلىشتا يەنىلا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بۇ چارەكنىڭ كېيىنكى يېرىم بۆلەكتە بىر قاتار ھۇجۇم يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىغاندىن كېيىن، يېرىم مەيداندا 40قا قارشى 70 نومۇر بىلەن شەندۇڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى.

  30 نومۇرلۇق زور ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسى كېيىنكى يېرىم مەيداندا مەيدان ۋەزىيىتىنى پۇختا كونترول قىلدى. شەندۇڭ كوماندىسى 4-چارەككە كەلگەندىلا ئاندىن ياخشى ھالەتكە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كېچىككەن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ئاسانلا غەلىبە قىلدى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، جاۋ رۇي 17 قېتىم توپ ئېتىپ سەككىزنى كىرگۈزۈپ، كوماندا بويىچە ئەڭ يۇقىرى 26 نومۇر ئالدى، جوۋ پېڭ 21 نومۇر ئالدى، رېن جۈنفېي 19 نومۇر، 13 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ۋىليامىس توققۇز نومۇر ئېلىپ، ئون قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. شەندۇڭ كوماندىسى تەرەپتىن، خادسون پۈتۈن مەيدان بويىچە ئەڭ يۇقىرى 27 نومۇر ئالدى، گاۋ شىيەن 24 نومۇر، سەككىز گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، توققۇز قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، تاۋ خەنلىن 23 نومۇر، 11 گاردىن قايتقان توپ ئالدى.

  ئىككى كوماندىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدۇ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۈچ مەيداندا ئىككى مەيدان يېڭىشتەك مۇسابىقە تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ.



مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:ئابدۇسالام ئابلىز

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش