دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

​يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش كېرەك
مۇھەررىر: ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-06-05 10:25:37

شى جىنپىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش كېرەك

سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى

6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: سۆھبەت يىغىنىدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭگو دۆلەت نەشر سارىيىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، لەنتەي دۇڭكۇ خەزىنىسىدە يىغىپ ساقلىنىۋاتقان نادىر نەشر نۇسخىلىرىنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بېيجىڭدا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇش بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىمىز. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئورتاق تىرىشىپ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ بولغان يېڭى مەدەنىيەتنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى ۋە جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىدا تەكشۈرۈشتە بولدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ چاڭپىڭ رايونىدىكى يەنشەن تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ مەركىزىي باش سارىيىغا كەلدى. جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيى ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ نەشر بايلىقىنى پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، توپلاش، ساقلاش، كۆرگەزمە قىلىش، تەتقىق قىلىش، ئالماشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىش، ئىشلىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مەركىزىي باش ساراي ۋە شىئەن، خاڭجوۋ، گۇاڭجوۋ شۆبە سارايلىرى تەسىس قىلىنغان. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ۋېنخۇاتاڭ سارىيىغا كىرىپ، نەشر سارىيىنى پىلانلاش، قۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، دۆلەت كۇتۇپخانىسى، جۇڭخۇا قەدىمكى زامان مەدەنىيلىكى نەشر كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ھازىرقى زامان نادىر نەشر بۇيۇملىرى ۋە ئۆزگىچە نەشر نۇسخىسى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ۋېنخەنگې راۋىقىدا شى جىنپىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشكە ئائىت نادىر ئەسەرلەر نەشر نۇسخىسى كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆردى، نەشر نۇسخىسىنى توپلاش، رەتلەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئارىلاپ سورىدى ھەم 5 - قەۋەتتىكى پېشايۋانغا چىقىپ، نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىگە ئېگىزدىن نەزەر سالدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ لەنتەي دۇڭكۇ خەزىنىسىگە كېلىپ، «خەنزۇچە، زاڭزۇچە، موڭغۇلچە، مانجۇچە يېزىقتىكى بۇددا نوملىرى توپلىمىنىڭ ئويما مەتبە توپلىمى» ۋە «<تۆت> توپلىمى» خەزىنە كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، سارايدا ساقلانغان نادىر ئەسەرلەر نەشر نۇسخىسىنىڭ ساقلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ تارقىلىپ كەلگەن بۇ قىممەتلىك قەدىمىي كىتاب نەشر نۇسخىلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن. جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنى قۇرۇش مەن ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن، ئۆزۈم تەستىقلىغان تۈر، بۇنىڭدىكى ئەسلىي مەقسەت، بىزنىڭ بۇ تارىخىي باسقۇچىمىزدا، قەدىمدىن تارتىپ يىغىپ توپلىغىلى بولىدىغان قەدىمىي كىتاب، ماتېرىياللارنى تولۇق يىغىپ توپلاپ، ياخشى قوغداپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيلىككە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت. گۈللەنگەن دەۋردە مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ، بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە، دۆلەت گۈللەندى، جەمئىيەت تىنچ، مۇقىم بولدى، مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئارزۇيىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. مەن جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ۋە باشقۇرۇلۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمەن، ھەم ئۇنىڭدىن مەمنۇن. دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى يىغىپ ساقلاشتىن ئىبارەت، يىغىپ ساقلاشنى ئاساسىي كەسىپ قىلىپ، تارىخىي قەدىمىي كىتاب نەشر نۇسخىلىرىنى يىغىپ توپلاشنى كۈچەيتىپ، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ ياخشى قوغداش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەدىمىي كىتاب نەشر نۇسخىلىرىنى يىغىپ ساقلاش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەشكە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، يىغىپ ساقلاش توغرىسىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي كەسىپنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرگە ماسلىشىپ تارىخىي قەدىمىي كىتابلار نەشر نۇسخىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە قېزىشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. قىسقىسى، جۇڭگو دۆلەت نەشر نۇسخىسى سارىيىنى قۇرۇش مەدەنىي چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل قۇرۇلۇش، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان بەلگە خاراكتېرلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى.

6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىغا كەلدى. جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تارىخ تەتقىقات خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش، بايلىق ۋە كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش، دۆلەتنىڭ تارىخشۇناسلىققا ئائىت مۇھىم، زور ئىلىم تۈرلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشتىن ئىبارەت. شى جىنپىڭ تەتقىقات يۇرتىدىكى جۇڭگو ئارخېئولوگىيە مۇزېيىغا كىرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەدەنىيلىك باشلانغان مەنبە ۋە بۇ يەردە يىلتىز تارتقان جۇڭگو مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يېڭى تاش قوراللار دەۋرى ۋە شيا، شاڭ، جوۋ سۇلالىلىرى مەزگىلىدىكى مۇھىم، زور ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلارنى ئىگىلىدى ھەم ئارىلاپ ئالاقىدار تەتقىقات خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سورىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىدا ساقلانغان بىر قىسىم قىممەتلىك قەدىمكى كىتابلار ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر ئارخىپىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەن تەتقىقات خىزمىتى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئالدىدا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇزاق تارىخىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى ھېس قىلىش ئارخېئولوگىيەدىن ئايرىلالمايدۇ. «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى ۋە دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال تەتقىقات» «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» قاتارلىق مۇھىم، زور تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ باشلىنىش مەنبەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلغان تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۆلەت دەرىجىلىك بىر قاتار مۇھىم، زور پەن تەتقىقات تۈرلىرى ۋە ئىلىم قۇرۇلۇشلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. سىلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ تارىخ تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، تەتقىقات سەۋىيەڭلارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن جۇڭگو تارىخشۇناسلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىدا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا، بېيجىڭ سىفەن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ گېڭ، بېيجىڭ داشۆنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ بو، چىڭخۇا داشۆنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى پېڭ گاڭ، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شىڭ گۇاڭچېڭ، جۇڭگو گۈزەل سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى فەن دىئەن، نەنجىڭ داشۆنىڭ ئادىمىيەت، ئىجتىمائىي پەنلەر بويىچە نوپۇزلۇق پىروفېسسورى مو لىفېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر چۈشەنگەندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە نۇرغۇن مۇھىم ئامىل بار بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئورتاق ياراتقان. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇقەررەر ئۆز يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن. ئەگەر جۇڭگونى ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن تارىخ ئىزچىللىقى نۇقتىسىدىن تونۇمىغاندا، قەدىمكى زاماندىكى جۇڭگونى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ، كەلگۈسىدىكى جۇڭگونى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك ئىجادىي خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توغرا يولدا ماڭىدىغان، كونىلىققا ئېسىلىۋالمايدىغان، قەدىمكىنى ئۇلۇغلايدىغان، قەدىمكىگە قايتىۋالمايدىغان ئىلگىرىلەش روھىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى خىرىستىن قورقمايدىغان، يېڭى شەيئىلەرنى باتۇرلۇق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان قورقماس خىسلىتىنى بەلگىلىگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك بىرلىككە ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىدىكى ھەرقايسى مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىنى، گەرچە ئېغىر، زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ مۇستەھكەم ئۇيۇشىدىغانلىقىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، دۆلەت زېمىنى پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدىغان، دۆلەت قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدىغان، مىللەت چېچىلىپ كەتسە بولمايدىغان، مەدەنىيلىك ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدىغان ئورتاق ئېتىقادنى بەلگىلىگەن، دۆلەتنىڭ بىرلىكى مەڭگۈ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن، قۇدرەتلىك، بىرلىككە كەلگەن بىر دۆلەتنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت تارىخىي يۆنىلىشىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، جۇڭگودا ھەرقايسى دىنىي ئېتىقاد كۆپ مەنبەلىك، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىناق ئەندىزىنى بەلگىلىگەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيلىكىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە مۇجەسسەملەيدىغان كەڭ قورساقلىقىنى بەلگىلىگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گەۋدىلىك تىنچلىق خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تۈپتىن بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىدىغانلىقىنى، مەدەنىيەت زومىگەرلىكى قىلمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە سىياسىي تۈزۈلمىسىنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تاڭمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن، جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرىدىغانلىقى، قارشىلاشمايدىغانلىقىنى، ھەرگىزمۇ «ئۆز كىشىلىرى بىلەن بىرلىشىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان» گۇرۇھۋازلىق بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماركسىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش − مۇقەررەر يول. بۇ بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش داۋامىدا ئېرىشكەن قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىز، بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەڭگۈشتەرىمىز. بىرىنچى، «بىرلەشتۈرۈش»نىڭ ئالدىنقى شەرتى بىربىرىگە ماس كېلىش. ماركسىزم بىلەن جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشىمايدۇ، لېكىن بىر - بىرى بىلەن يۈكسەك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە. ئۆزئارا ماسلاشقاندىلا ئاندىن ئورگانىك بىرلىشەلەيدۇ. ئىككىنچى، «بىرلەشتۈرۈش»نىڭ نەتىجىسى ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش بولۇپ، ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن بىر يېڭى مەدەنىيەت ھاياتلىق گەۋدىسىنى بارلىققا كەلتۈردى، بۇ، ماركسىزمنى جۇڭگونىڭكىگە ئايلاندۇردى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھازىرقى زاماننىڭكىگە ئايلاندۇردى، «بىرلەشتۈرۈش» ئارقىلىق شەكىللەنگەن يېڭى مەدەنىيەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەدەنىيەت ھالىتىگە ئايلاندۇردى. ئۈچىنچى، «بىرلەشتۈرۈش» يول ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تېخىمۇ بىپايان، چوڭقۇر، ئۇزاق بولغان تارىخىي چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىنى كېڭەيتتى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە زامانىۋى كۈچ بېغىشلىدى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا چوڭقۇر ئاساس سېلىپ بەردى. تۆتىنچى، «بىرلەشتۈرۈش» يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى ئېچىپ، بىزنى ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتتە تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ھەم يول، نەزەرىيە ۋە تۈزۈمگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» يەنە بىر قېتىملىق ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بولۇپ، بىزنى تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيەت بوشلۇقىدا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت قىممەتلىك بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن نەزەرىيە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بەشىنچى، «بىرلەشتۈرۈش» مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنى مۇستەھكەملىدى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يارىتىش مەدەنىيەتنىڭ بۇ ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىپادىسى. «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش تارىخىي تەجرىبىلىرىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەش بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، پارتىيەمىزنىڭ تارىخ ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئاڭلىقلىقىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتى داۋامىدا، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن ۋەزىيەت خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى نۇقتىئىنەزەر، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇھىم نۇقتىئىنەزەرلەر يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى يەكۈنى، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشتا مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۆز يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ئەمەلىيىتى ۋە ھازىرقى زامان ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، جۇڭگو داۋلىسى ئارقىلىق جۇڭگو تەجرىبىسىنى ياخشى يەكۈنلەپ، جۇڭگو تەجرىبىسىنى جۇڭگو نەزەرىيەسىگە كۆتۈرۈپ، مەنىۋى جەھەتتە مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتنى يەرلىكلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مەدەنىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈش ۋە يارىتىش كېرەك. توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتەك توغرا كەيپىيات ۋە جاسارەت بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، زامانىمىزدىكى شانلىق سەھىپىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

سەي چى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر بايان قىلىنغان بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە. ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىش كېرەك. تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش - چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

لى شۇلېي، تيې نىڭ، شېن يىچىن، چىن گاڭ، جياڭ شىنجى قاتارلىقلار يۇقىرىقى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. مەركەز تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز تەشۋىقات، مەدەنىيەت سىستېمىسىنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش