دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ پائال نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-03-26 10:19:43

ما شىڭرۇي ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ پائال نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي قورغاس تۆمۈريول پورتى ۋوگزالىغا كېلىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈرۈشى، توشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. □ ليۇ چېڭگاڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش، خەلقئارا سودا قاتارلىق خىزمەتلەردە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، قورغاس پورتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پورت قۇرۇلۇشى تىجارىتى، تاشيول، تۆمۈريول تىرانسپورتى، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھازىرقى چېگرا ھالقىغان يۈك تىرانسپورتىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىنى كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا تەتقىق قىلىپ، ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى، پورت ئىقتىسادىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇش ۋە زورايتىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجە ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

ما شىڭرۇي قورغاس دۆلەت دەرۋازىسىغا كېلىپ، «بەش بىرلەشمە» سىنلىق قوماندانلىق قىلىش تارماق كونترول مەركىزىگە كىرىپ، پورتنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، تىرانسپورت ئەمەلىي ئەھۋالىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇردى، پورتتىكى تىجارەتنى باشقۇرۇش، مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئەھۋاللار ۋە ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %86.4 ئاشتى، سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. قورغاسنىڭ شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنەكلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ھازىرقى سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت ئامىللىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پورتلارنىڭ تىجارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ قولايلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىۋېتىش تەرەققىيات مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ما شىڭرۇي قورغاس جىنيى يۈك مەيدانى ھەم ئۇنىڭ تىجارەت كارخانىسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قورغاسنىڭ ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىغا پائال كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

قورغاس تۆمۈريول پورتى ۋوگزالىدا، ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى، تىرانسپورت كۈچىنىڭ ئېشىشى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇلارغا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولى قۇرۇلۇشىنى كۆزلەپ، ئەسلىھە، ئۇچۇر قاتارلىقلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، پورتلارنىڭ ئىقتىدارنى كېڭەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ تىرانسپورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى سانىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى تاپىلىدى.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك، ھەر تەرەپلىمىلىك كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دىققەتنى رايون ئورنى، سىياسەت، بايلىق قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى توسۇق نۇقتا، تىنما نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىنى ھەل قىلىش پىكىر يولى ۋە تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تاشقى سودىنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى سودا كەسىپ ھالىتى، مۇلازىمىتى، ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا بازارنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىمپورت - ئېكسپورتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، تاشقى سودىدا مىقدارنىڭ تېز ئېشىشى ۋە سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يۈكسەلدۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا بولغان مۇلازىمەت ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولغان ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ما شىڭرۇي يەنە ئىلى شىنتيەن كۆمۈر خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ، كۆمۈردىن گاز ئېلىش تۈر قۇرۇلۇشى ۋە زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆمۈرنىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئايلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك، كۆپ مەنبەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

ياڭ شيۇلى قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش