دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ھەر مىللەت ئامما باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-01-28 10:22:43

1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ساياھەتچىلەر چوڭ تىپتىكى گۈللۈك پانۇس ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. باھار بايرىمى مەزگىلىدە، سانجى شەھىرى 13 نۇقتىغا چوڭ تىپتىكى گۈللۈك پانۇسلارنى تىزىپ، خۇشال - خۇرام ۋە ئىناق بولغان بايرام كەيپىياتىنى ياراتتى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شەھەر ئاھالىسى ئۈرۈمچى مىڭجۇ گۈل - گىياھ بازىرىدا گۈل - گىياھلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئازاد يۈسۈپجان فوتوسى

1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، لوپ ناھىيەسى «باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈش، خەلق ئۆرپ - ئادىتى كوچا ئويۇنى ئويناپ باھار بايرىمىنى قىزىتىش» باش تېمىسىدىكى كوچا ئويۇنى ئويناشنى قانات يايدۇردى.  مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

توشقان يىلىدىكى باھار بايرىمى، پامىر ئېگىزلىكىدىن تارىم دەرياسى بويىغىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىن تۇرپان ئويمانلىقىغىچە... ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كادىرلار ۋە كەڭ ئامما باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، باھار بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، يېڭى ۋەزىيەت باشلىدى، يېڭى سەھىپە پىلانلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتەك ئىناق كەيپىيات ئەۋج ئالدى.

1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى باھار بايرىمى ھارپىسى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى ئۆستەڭبويى كەنتىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ باشلامچىلىقىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزىنىڭ «كەنت كېچىلىكى»نى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە نۇرغۇن ھەمتۈرتكىلىك نومۇرلار بار بولۇپ، رىياسەتچىنىڭ تونۇشتۇرغان، رېپىرنىڭ كوماندا بەرگەن، قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىش ياڭراتقان، تاماشىبىنلارنىڭ مەدەت بەرگەن ئاۋازلىرى گىرەلىشىپ، يېزا - كەنتنىڭ قىش كېچىسىنى قاينام - تاشقىنلىققا ھەم ئىللىقلىققا چۆمدۈردى.

پائالىيەت مۇكاپات تارقىتىش ھالقىسىغا كىردى، كەنت ئاھالىسى بۇمەريەم ئابلىمىت نۇرغۇن كىچىك مۇكاپات بۇيۇمىغا ئېرىشتى. ئۇ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى دۇڭ چېڭجۇڭغا مۇنداق دېدى: «2022 - يىلى پارتىيەنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولدى، ئائىلىمىزنىڭ ياڭاق ئۆستۈرۈش ۋە كالا بورداشتىن قىلغان ساپ كىرىمى 80 نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل مەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئائىلىدە تۇرۇپ ئىشلەپ كىرىمىمنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلاۋاتىمەن».

باھار بايرىمىنىڭ يېتىپ كېلىشى باھارنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، شىنجاڭدا باھارنىڭ «بىرىنچى بېكىتى» بولغان تۇرپان شەھىرىدە، ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر غەربىي قۇۋۇق كەنتىدىكى ياشىنىپ قالغان ئامىنىخان قادىر ئۆيىگە ھال سوراشقا كەلگەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنى كۆرۈپلا، ھاياجانلانغان ھالدا كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ كەتتى: «ھازىر كەنتتىكى ياشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن بەزىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدۇ، بەزىلىرى كەنتتىكى كەسىپلەرگە قاتنىشىدۇ؛ كەنتتىكى ئۈزۈملەرنى تېخىمۇ يىراق جايلارغا ساتالايدىغان بولدۇق، يەنە سىرتتىن نۇرغۇن كىشى بۇ يەرگە ساياھەت قىلغىلى كېلىدۇ!»

يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ كەنت كادىرى كەرىمە ئابلەق مۇنداق دېدى: «بۇ يىلقى باھار بايرىمىدا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە پانۇس ئېسىپ، چۇنليەن چاپلاپ، جەم بولۇش تامىقى يەپ، قويۇق باھار بايرىمى كەيپىياتىنى ھېس قىلىپلا قالماي، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تولۇپ تاشقان غەيرىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. كەنت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېخىمۇ ئالدىدا ماڭىمەن، يېڭى بىر يىلدا كەنت ئاھالىلىرىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىمەن».

1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سۆگەت يېزىسى كەنتئېرىق كەنتىدە، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتىدىن پات - پات خۇشال كۈلكە سادالىرى، ئالقىش سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، شوخ ئۇسسۇللار كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇراتتى، «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق خور پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

«يېڭى بىر يىلدا، كۆپچىلىك غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۇدا كۈرەش قىلىپ، يەنە شانلىق سەھىپە پۈتەيلى!» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن كەنتئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى چېن لىنىڭ سۆزى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشەنچكە تولدۇردى.

1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن باھار بايرىمىلىق كوچا ئويۇنىدا، ئويۇن قويغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، خۇشال - خۇرام بولۇپ، بايرام كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ، نىيە ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش روھىي ھالىتىنى نامايان قىلدى.

نىيە ناھىيەلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يې جيەنفېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى كوچا ئويۇنىنى ئۆتكۈزۈشتە ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاممىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش باھار شامىلىدىن پايدىلىنىپ بېيىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتىش مەقسەت قىلىنغان.

ھارپا كېچىسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ماناس ناھىيەسى ئۈزۈم ھارىقى باغچىسىدا «ساليۇت گۈزەل سۇمۇرغ شەھەرچىسى . قۇتلۇق جۇڭگو يىلى» تېمىلىق ساليۇت ئويۇنى ۋە «چىراغ نۇرىدا چاقنىغان جۇڭخۇا . بەخت - سائادەتكە تولغان سۇمۇرغ شەھەرچىسى» تېمىلىق توشقان يىلىدىكى گۈللۈك پانۇس كۆرگەزمىسىنى كۆرگەن ئاھالە چېن يەن مۇنداق دېدى: «بۇ قىزىپ كەتكەن ساليۇت ئويۇنى ۋە چىرايلىق چىراغ كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، ماناستا بايرام تۈسىنىڭ بارغانسېرى قويۇق بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. يېڭى بىر يىلدا، يۇرتۇمنىڭ بارغانسېرى گۈزەل بولۇشىغا، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشمەن».

ماناس ناھىيەلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ جيەنكۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل باھار بايرىمىدا، ماناس ناھىيەسى باھار بايرىمىلىق ئۆرپ - ئادەت، باھار بايرىمىلىق قائىدە - يوسۇن، باھار بايرىمى تۈسى، باھار بايرىمى شادلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، باھار بايرىمىنىڭ 1 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە مول باھار بايرىمىلىق ساياھەت قىلىش، ئويناش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ساياھەت قىلىش، ئويناش، داكا قىلىش جەريانىدا، بايرام كۈنلىرىدىن قانغۇچە بەھرىلەندۈرۈپ، ئۇلارغا جۇڭگونىڭ قويۇق باھار بايرىمى تۈسىنى ھېس قىلدۇردى.

«باھار بايرىمى تۈسى قويۇق بولدى، كەنت بىزگە يەنە پايدا تەقسىملەپ بەردى!» دېدى باھار بايرىمى ھارپىسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى تيېچاڭگۇ بازىرىنىڭ شۇگۇاڭشيا كەنتىدە، 2022 - يىللىق پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشكەن كەنت ئاھالىسى ۋېي لىيىڭ. 2020 - يىلى كەنتتە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ تەقەززا بولىدىغان كۈن دەل پايدا تەقسىملىنىدىغان كۈن بولۇپ قالدى.

«كەنتتىكى ھەربىر ئائىلىگە يەنە بايراملىق كالا گۆشى تارقىتىپ بېرىلدى.» شۇگۇاڭشيا كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما يۈلىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، كەنتتە يېمەك - ئىچمەك كوچىسى ۋە چىراغلىق كەچلىك بازار نۇقتىلىق بەرپا قىلىنىدۇ، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى قۇرۇلىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك ۋە گۈل دېڭىزى بازىسى قۇرۇلىدۇ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى يەنىمۇ زورايتىلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.

(مۇخبىر جاڭ جىلى، قاتناشقان مۇخبىرلار خەن چىنيەن، جاڭ رۇيلىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جۇ ۋېنبىن، پېڭ دەننى، ۋاڭ تىڭ، ئىپارگۈل)

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش