دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-26 19:36:55

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قۇرۇلۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم يوپۇق ئاچتى

9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ھەم يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىرلىكتە كارخانا يوپۇقىنى ئاچماقتا.□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېي لۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنى ھەم يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن ـ كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىلەن بىرلىكتە كارخانا يوپۇقىنى ئاچتى.

سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇنى تىزگىنلەش پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەت قىلىپ، كۆپ قېتىم سىستېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى ۋە مەخسۇس تېمىلىق يىغىن قاتارلىقلارنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق خىزمىتىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭ ئېرتىش دەرياسى مەبلەغ سېلىش ـ ئېچىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى، ئىلى دەرياسى سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش ـ ئېچىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ سۇچىلىق، سۇ ئېلېكتىر چارلاش ـ لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى، شىنجاڭ سۇچىلىق مەبلەغ سېلىش پاي كونترول چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانا ۋە ئورۇنلارنى بىرىكتۈرۈپ قايتا تەشكىللەپ، شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك بوغما ھالەتنى ھەل قىلىپ، سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، سۇچىلىق خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنى قۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىز سۇچىلىق ئىسلاھاتى تەرەققىيات تارىخىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر چوڭ ئىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەت، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكىنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەت. يېڭى پەللىدە، شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كارخانىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، مەبلەغ سېلىش ـ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، بازارلاشقان ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە 100 مىليارد دەرىجىلىك كەسىپ گۇرۇھى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەشتىكى باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ كاپالىتى، سۇ تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك ـ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى، سۇچىلىق نازارىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋاب» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى كومىتېتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ئوقۇپ ئۆتۈلدى؛ شىركەت رەھبەرلىك بەنزىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش قارارى ئېلان قىلىندى.

شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىدىكى مەسئۇل يولداش ۋە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار قاتناشتى. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، سۇچىلىققا ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار قاتناشتى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش