شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ«كۆرگەزمىگە قاتنىشىش» تەييارلىقى پۈتتى
مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەخسۇس مەيدانى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى باشلىنىدۇ
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەخسۇس مەيدانى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 7 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو __ ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى مەخسۇس تېمىلىق پائالىيىتىنىڭ بىرى بولغان مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەخسۇس مەيدانى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ تەييارلىقلىرى پۈتكەن بولۇپ، 9 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنىدىن 22 ـ كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 3 ـ نومۇرلۇق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ چوڭ بازارغا يۈزلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، «يېشىل، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، مەززىلىك، ساغلام» بولۇشتىن ئىبارەت ماركا ئوبرازىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرىدىكەن.
9ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى، مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەخسۇس مەيدانى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى فوتوسى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى خاۋ چىنفاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى، سودا نازارىتى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت نازارىتى، ئورمانچىلىق ـ ئوتلاق ئىدارىسى، تەمىنات ـ سودا كوپىراتىپى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى ئورتاق ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كۆلىمى چوڭ، مەزمۇنى كۆپ، شەكلى ياخشى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. پائالىيەتكە مەملىكەت بويىچە 120گە يېقىن چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي سېتىۋېلىش سودىگىرى، سودىگەرلەر ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانا تەكلىپ قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)تىكى 100گە يېقىن ئىنچىكە پىششىقلاش يېزا ئىگىلىك كارخانىسى كۆرگەزمىگە مەركەزلىك قاتنىشىدۇ.
بۇ پائالىيەتتە يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرى، يېزا ئىگىلىكى خەلقئارا ھەمكارلىقى بويىچە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، شىنجاڭچە ياخشى مەھسۇلاتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەك تەسىس قىلىنىپ، پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش نەتىجىلىرى ھەم شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پائالىيەتتە يەنە ئالتە كۆرگەزمە سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئېسىل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى، باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئۈزۈم ھارىقى ۋە باشقا خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ، كۆرگەزمە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ كەڭ تونۇشتۇرۇلىدۇ.
تونۇشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە توردا كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارغا 2D، 3D تور كۆرگەزمە زالى تەسىس قىلىنىپ، كۆرگەزمە سۇپىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ كۆپ خىل شەكىلدىكى توردا تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانا توردا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركېتىڭ يوللىرىنى پائال ئېچىشقا يېتەكلىنىپ، توردا زاكاز قىلىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. پائالىيەت مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش، كېڭىشىش، كېلىشىم ئىمزالاش قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، كېڭەيتىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىلىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى