دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش بۈگۈن (9-ئاينىڭ 15-كۈنى) شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى شامال ئېغىزلىرىدا 11~10 بالغىچە بوران چىقىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 17 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ ​چوڭقۇر ھەمكارلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ۋىلايىتىمىزدىكى جايلار پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇش ھەپتىلىكى پائالىيىتىنى ھەر خىل شەكىلدە قانات يايدۇردى ​رىياسەتچىلىكتە يېڭى يۇلتۇزلار يېتىشتۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى ​ۋىلايىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە ـ ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 175 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى مۇقىم، راۋان، ئەلا بولۇش شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى كۈچەيتتى دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى: تۈنۈگۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگىنى «196+762» شىنجاڭدا دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى سىجىل تۆۋەنلىدى، بىراق ئۈرۈمچى، غۇلجا، كورلا شەھىرىدە يەنىلا جەمئىيەت قاتلىمىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9 ـ قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-09-20 18:19:43

جاڭ يۈجو سىنلىق سۆز قىلدى ما شىڭرۇي سۆز قىلدى نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى



9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9 ـ قۇرۇلتىيى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9 ـ قۇرۇلتىيى 9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شۇجىچۇنىڭ 1 ـ شۇجىسى جاڭ يۈجو سىنلىق سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ شياۋدۇڭ، دېڭ مىڭجياڭ ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شياۋ ۋېنجياۋ قاتارلىقلار ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

جاڭ يۈجو جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى ئىشلىرىدا ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئىلىم ـ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا پائال تۆھپە قوشتى. شىنجاڭ پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئائىت مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ۋە جاسارەتلىك بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىدىيەۋى ـ سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. مەركەزنى چۆرىدەپ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ، ئىختىساسلىقلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى سىستېمىسىنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئۇيۇشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ھەرقايسى ئاكادېمىكلار، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى پەن ـ تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك. كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي مېڭىشىنى؛ دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى، «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى؛ پەن ـ مەدەنىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، سۇپا، ۋاسىتىلەرنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم ـ پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى؛ ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئىلىم تەتقىق قىلىشتا ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان بولۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر پەن ـ تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، كىرگۈزۈش، كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، جاسارەت بىلەن شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرى تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

قۇرۇلتايدا، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.

شياۋ ۋېنجياۋ شىنجاڭ ئاكادېمىكلار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە تەشەببۇسنامە چىقاردى.

قۇرۇلتايدا «ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى 9 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى 8 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى؛ ئالاقىدار قارارلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ <جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامنامىسى>نى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى 9 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلدى. دېڭ مىڭجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى 9 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. قۇرۇلتايدا يەنە ۋاڭ يۇڭمىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى 9 ـ نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ پەخرىي رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

يۈسۈپجان مەمەت، جاڭ گولياڭ قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى 9 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىگە مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي ئەزالىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش