دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش قوشۇنى پارتىيە ئەزالىرى تەربىيە بازىسىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى ئەۋزەل كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى ئالدىنقى تۆت ئايدا شىنجاڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 110 مىليارد يۈەندىن ئاشتى «مايتاغ ـ كۇچا تاشيولى 1 ـ بېكىتى» ساياھەتچىلەرنى يېڭىچە قىياپەتتە كۈتۈۋالدى 38 مىليون 50 مىڭ يۈەن ياردەم پۇل مەبلىغى ۋىلايىتىمىزنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشتى «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالىدۇ» ۋىلايىتىمىزدە «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭلىغان ۋەكىل ئونمىڭلىغان ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى باشلاندى ئالدىنقى تۆت ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4 ئاشتى 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

​ياخشى مۇھىت يارىتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2022-05-27 10:24:47

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

ياخشى مۇھىت يارىتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنى 5 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بىر تۈركۈم جەمئىيەت سېلىنمىسىغا ئائىت مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى، لۇڭبو سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، داداۋ ئوقەتچىلىك - سېلىنما چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جېجياڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي دورا كەسپى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، لىئاڭ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، جىسۈن لىتىيچىلىق چەكلىك شىركىتى، خۇڭجىڭ سېلىنما چەكلىك شىركىتى، بىڭشەنجىفۇ بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، يۆشىڭ يېڭى ئېنېرگىيە - پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئېرداۋچياۋ مەدەنىيەت - ساياھەت گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش، قېزىلما بايلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، جۇڭيى تېبابىتى، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى كەسپىنى زورايتىش، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يار - يۆلەك بولۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قەرزىنى ئېنىقلاش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تونۇشى، تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى، پىكىر - تەكلىپ بەردى. ما شىڭرۇي ئەستايىدىل، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، پات - پات سوئال سوراپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش، تەرەققىيات مەسىلىسى توغرىسىدا كارخانىچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: پۇقراۋى ئىگىلىك ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىزنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، پۇقراۋى كارخانىچىلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بېكىتتى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى مىسلىسىز مۇھىم پۇرسەتكە يۈزلەندى، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا تامامەن شارائىتى بار، شۇنداقلا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىغا ئايلىنىشىنى تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىش ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قوللاش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر خىل «يۆگىمە ئىشىك» «ئەينەك ئىشىك» «ئايلانما ئىشىك»لەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە كاشىلا قىلىش قىلمىشىنى قەتئىي توسۇپ، پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە بېسىمنى تىرىشىپ ھەل قىلىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ باج - ھەق يۈكىنى يېنىكلىتىپ، بەزى ھۆكۈمەت تارماقلىرى، چوڭ كارخانىلارنىڭ ئەۋزەل ئورنىدىن پايدىلىنىپ، چوڭلىرى كىچىكلىرىنى بوزەك قىلىش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش قىلمىشلىرىنى تۈزىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كىرېدىت جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش كېرەك. يېقىن، پاك يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىنكاسى ۋە ئىلتىماس - تەلىپىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرۇشى، بولۇپمۇ پائال نەتىجە يارىتىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىشى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، «يېقىن» ئۆتۈش ئەمما چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، «پاك» بولۇش ئەمما ئىش قىلىپ بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، كارخانىچىلار روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، باشتىن - ئاخىر يېشىل تەرەققىياتقا ئىنتىلىپ، جان - دىل بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، تىرىشىپ كارخانىنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شەكىللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق پۇقراۋى كارخانىلار، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى، ساھە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى، جەمئىيەتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

يىغىندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى كارخانىلار مەبلەغ سېلىش تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، جەمئىي 17 تۈر ئىمزالىنىپ، جەمئىي 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش