5-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس شەھىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى پارنىكىدا، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىسى قوللىنىلىپ تېرىلغان شوخلىلار شاخلىرىغا لىق تولدى، ئىشچىلار ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، نەق مەيداندا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى.
بۇ پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى پارنىكىدا ئاساسلىقى «پروۋېنس»، «چۈەنشوۋخۇڭگو»، «چۈەنشوۋشاكىلات»، «چۈەنشوۋ خۇاڭگو»دىن ئىبارەت تۆت خىل شوخلا سورتى بار، ئوخشاش بولمىغان سورتلۇق شوخلىنىڭ تەمى ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. نۆۋەتتە، پارنىك شوخلىسىنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئون توننىغا يېتىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ بازىرىنى تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە بېيجىڭ، سىچۇەن، جياڭسۇ قاتارلىق جايلارغىمۇ سېتىلدى.
قورغاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىغا جەمئىي 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 1000 مو كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1-قارارنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 350 مو. بۇ تۈر ساپ، تەبىئىي، يېشىل مېۋە-چېۋە، كۆكتات تېرىقچىلىقىنى ئاساس قىلغان، «تاماشا قىلىش، ئۆستۈرۈش، يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، تەتقىق قىلىش، ياساش» قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولۇپ، ئاساسلىقى ئورگانىك مېۋە-كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئۈلگە رايونى، پەن تەتقىقات، تەربىيەلەش رايونى، ئەشيا ئوبوروتى-پىششىقلاش رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئەقلىي ئىقتىدار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۆسۈملۈك زاۋۇتىغا ئايلىنىدۇ.
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس شەھىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى پارنىكىدىكى «پروۋېنس» شوخلىسى پىشتى.
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس شەھىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىملار «چۈەنشوۋشاكىلات» شوخلىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس شەھىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى پارنىكىدا، «چۈەنشوۋخۇڭگو» شوخلىسى شاخقا لىق تولدى.
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس شەھىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى پارنىكىدا، ساپسېرىق «چۈەنشوۋ خۇاڭگو» شوخلىسى كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى.
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس شەھىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا، خىزمەتچى خادىملار شوخلىلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس شەھىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا، ئىشچىلار يىغىۋېلىنغان شوخلىلارنى ئوراپ قاچىلىماقتا.
5-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس شەھىرى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسىدا، ئىشچىلار مېۋە-چېۋىلەرنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.
ئاپتورلار: شۆ بوۋېن، ۋاڭ زىياڭ، ۋۇ جىخېڭ
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: قورغاس شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى