ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر
نەچچە كۈندىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەسى ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىنى كۈتۈۋالدى، قۇمتاغ قۇملۇقىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئاجايىپ مەنزىرە − ئالۋۇن پەيدا بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. قېنى، سىزمۇ بۇ ئاجايىپ مەنزىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
ئالۋۇن − نۇرنىڭ سۇنۇشىدىن شەكىللىنىدىغان بىر خىل تەبىئىي ھادىسە (ئۇيغۇرچىدە يەنە ئېزىتقۇ، سەراپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، پىچان ناھىيەسىدىكى قۇمتاغ قۇملۇقىدا ئالۋۇن مەنزىرىسى ئادەتتە ياز پەسلى سائەت 11دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە باشلىنىدۇ، چۈشتىن كېيىن ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەدرىجىي تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ بۇ مەنزىرە ئاستا- ئاستا يوقايدۇ.
پايدىلانغان مەنبە: پىچان ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش