ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر
تىيانشان تورى خەۋىرى «چەكسىز يايلاق قوي-كالىنى قوينىغا ئالدى، چوپان يىگىت ئات چاپتۇرۇپ ئاڭا كۈي قاتتى». باش يازدا، شىنجاڭدىكى يايلاقلاردا كالا، قوي، ئارغىماقلار توپ-توپ بولۇپ، كىگىز ئۆيلەرنىڭ مورىلىرىدىن ئىس-تۈتەكلەر چىقىپ، سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى.
چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئاقچوققا ئوتلىقى.
ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى
«كۆك ئاسمان يېيىلغان كىگىز ئۆيسىمان، بىپايان دالىدا چىقسا بىر شامال، ئوتلىغان قوي-كالا بايقىلار شۇئان». قۇلىستاي ئوتلىقى، تۆرجايلاۋ ئوتلىقى، ئاقچوققا ئوتلىقى... چاغانتوقاي ناھىيەسىدە ئېسىل تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانلىرى بار، ئوتلاق كۆلىمى 7 مىليون مودىن، پايدىلىنىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمى 5 مىليون 300 مىڭ مودىن ئاشىدۇ.
بايىنبۇلاق يايلىقى.
تيەن گوجيەن فوتوسى
خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بايىنبۇلاق يايلىقىنىڭ تۆت ئەتراپى قارلىق تاغلار بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2500 مېتىر، كۆلىمى 23 مىڭ 835 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەرنىڭ يەر شەكلى تەكشى، سۇ ۋە ئوت-چۆپلىرى مول بولۇپ، تىپىك باشاقلىق چىملىق يايلىقى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم چارۋىچىلىق بازىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بىر توپ بۇغا قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى يايلاقتا ئوزۇق ئىزدىمەكتە.
سەي زېڭلې فوتوسى
2018-يىلىدىن بۇيان، قومۇل شەھىرى شەرقىي تىيانشان ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى. ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش، يايلىتىپ بېقىشنى چەكلەپ ئوتلاققا قايتۇرۇش، قاشالاپ باقمىچىلىق قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈردى. ھازىر بۇ يەردە ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسۈپ، بۇغا-ماراللار توپ-توپ يۈرىدىغان بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى.
نارات يايلىقى.
جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى
«ئۈچ تەرىپى يېشىل تاغ، زۇمرەت كەبى ئورىغان، قاپتىلىدا قاشتاشتەك دەريا ئاقار ئوخچىغان» ئىلىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسى بىپايان يايلاقتا. نارات تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئىلى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرى، ئۇ يەنە «بوشلۇقتىكى يايلاق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ يەردە، يايلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئاجايىپ ئۆزگىچىلىككە ئىگە. ئېكراننى مەيلى قەيەرگە توغۇرلاڭ، ئىنتايىن گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى كۆرىسىز.
سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق. ئوتلاقنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېشىل ئېكولوگىيەلىك توسۇقىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقايلى!
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش