ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر
ئاپتور: نۇرمانباي جېتپىسباي
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاپچال بازىرى ئۇزۇنبۇلاق يېزا مەھەللىسى ساياھەت مەنزىرە رايونىدا، پورەكلەپ ئېچىلغان جىيىڭخۇا گۈللىرى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى، گۈللەرنىڭ ئوچۇق رەڭگى خۇددى يەرگە «قونغان» ھەسەن-ھۈسەندەك، ساياھەتچىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە جەلپ قىلدى.
ئۇزۇنبۇلاق يېزا مەھەللىسى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرغان مەھەللە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سەرخىل ساياھەت تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، 1000 مودىن ئارتۇق يەرگە ھەر خىل گۈل-گىياھ ۋە مەنزىرە كۆچىتى تىكىپ، «ئۈچ پەسىلنىڭ ھەممىسىدە گۈل-گىياھ بولۇش، تۆت پەسىلدە دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بولۇش»تەك ئېكولوگىيەلىك ساياھەت ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش