دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش كېرەك
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-11-22 13:19:30

شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش كېرەك

خەن جېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 3 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى بېيجىڭدا 3 - قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى پۇختا توقۇپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى ھەمكارلىق سەۋىيەسى، تېخىمۇ يۇقىرى سېلىنما ئۈنۈمى، تېخىمۇ يۇقىرى تەمىنات سۈپىتى، تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات ئېلاستىكىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ جېڭلۇڭ، جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋەن مىن، جېڭتەي گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۇنخۇي، جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى چېن ۋېنلىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سەككىز يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»نى مۇھىم يۆنىلىش قىلىپ، قائىدە - ئۆلچەمنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى مۇھىم تىرەك قىلىپ، ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەردىكى خەلق بىلەن «قەلبنى تۇتاشتۇرۇش»نى مۇھىم ئاساس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي، مول مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق، سىرتقا ئېچىۋېتىش ساھەلىرىنى كېڭەيتتۇق، تۈزۈم خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولدۇق، كەڭ دائىرىلىك دوستلار چەمبىرىكى بەرپا قىلدۇق، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندۇق، ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى توغرا تونۇش ۋە ئىگىلەش كېرەك. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى ئۆزگەرمىدى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىش چوڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرمىدى، خەلقئارا ئەندىزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋەزىيىتى بىزگە پايدىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش يەنىلا مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگەرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن كەسكىن رىقابەت مىسلىسىز بولماقتا، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق يەر شارىۋى مەسىلىلەرنىڭ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرى مىسلىسىز بولماقتا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا مۇھىتى كۈنسېرى مۇرەككەپلەشمەكتە. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى تۇتۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەمكارلىق بىلەن كۈرەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ساقلانما مىقدار بىلەن ئېشىش مىقدارىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇملۇق بىلەن مۇھىم نۇقتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، پايدىلىق تەرەپكە يۈزلىنىپ، زىيانلىق تەرەپتىن ساقلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئالاقىنىڭ يېتەكلەش ۋە كاتالىزاتورلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سىياسىي ئورتاق تونۇشنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش، ئىدىيەنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئاسمان، توردىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھە تۈر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە تۈر ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، قائىدە - ئۆلچەم قاتارلىق «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يەر شارىۋى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئېشىش مىقدارى ھاسىل قىلىش كېرەك. سودىنى راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سودىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچ تەرەپ ياكى كۆپ تەرەپ بازىرى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك تەرەققىيات ئاپپاراتلىرى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئادىمىيەت ئالاقىسى چوڭ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەمكارلىق يېڭى ساھەلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. ساغلاملىق، يېشىل، رەقەملىك، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق يېڭى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە ئورتاق قۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيەنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە كىلىماتنى تۈزەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. رەقەملىك ساھە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «يىپەك يولى ئېلېكتىرونلۇق سودىسى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رەقەملىك ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل، ھەققانىي بولغان، كەمسىتىش بولمىغان پەن - تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ ۋە پىلانلاپ، دىققەتنى يېڭى كۈچەش نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى بىرىكىش نۇقتىسىنى يارىتىش كېرەك. ھەرقايسىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان، ئۆزئارا بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، راۋان، بىخەتەر بولغان قۇرۇقلۇق يولىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، دېڭىز ئۈستى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كېلىش مەنبەسىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇپ چىقىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېز ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى، بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا يېقىن بولغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلارنىڭ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش، پۇختىلاش كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى تۈر خەۋپ - خەتىرىدىن پۈتۈن كۈنلۈك ئالدىن سىگنال بېرىش، باھالاش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىش، قەرەللىك باھالاش كېرەك. مەملىكەت سىرتىدىكى مەنپەئەتنى قوغداش، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا سىرتىدىكى خادىملارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي - روھىي ساغلاملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجى، خادىملار نۆۋەت ئالمىشىپ ۋەتەنگە قايتىش، ماددىي ئەشيا تەمىناتى، مەبلەغ مەدىتى قاتارلىقلارغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى كارخانىلىرى ۋە پۇقرالىرىنى شۇ جاينىڭ قانۇنىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا، شۇ جاينىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەت ئەلگە چېتىلىدىغان سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، چېگرا ھالقىغان چىرىكلىكنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. تۈرلۈك كارخانىلار تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك، دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەردىن بىرى بايقالسا بىرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مۇھىم، زور يىرىك پىلان، مۇھىم، زور سىياسەت، مۇھىم، زور تۈر، مۇھىم، زور مەسىلە ۋە يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، ئۆتكەلنى ئىگىلەشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىنى مۇھىم كېڭىشىش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، چېگرا سىرتىدىكى تۈر قۇرۇلۇشى ۋە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. جايلار «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا قاتنىشىش ئورنىنى توغرا تېپىشى كېرەك. ياخشى بولغان ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئىدىيەسى، پىرىنسىپى، ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھېكايىسىنى ئورتاق ياخشى سۆزلەش كېرەك.

خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باش بولۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، مۇھىم، زور ئىشلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، توغرا يۆنىلىشتە ماسلىشىش، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى كەم - كوتسىز تاماملىشى كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، قىسمەن دۆلەت كومىسسارلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ساھە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش